بىر يازغۇچىنىڭ ئىقرارى(2)

يوللانغان ۋاقتى:07-02-2014   مەنبە: تارىم 2012-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بەختىمگە يارىشا ئىسپانىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدۇم. كېيىن پارىژغا بېرىپ يەت

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بەختىمگە يارىشا ئىسپانىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدۇم. كېيىن پارىژغا بېرىپ يەتتە يىل تۇردۇم. بۇ يەتتە يىلدا بەكمۇ زور تەربىيەگە ئېرىشتىم، مەن پارىژغا قەرزدار. بىراق مەن پارىژدا لاتىن ئامېرىكىسىنى بايقىدىم، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پېرۇ پەقەت بىر ئۆلكە، ئىنتايىن يوغان بولغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر مەھەللىۋى ئۆلكە. مەن لاتىن ئامېرىكىسىلىق نۇرغۇن يازغۇچىنىڭ پارىژدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھېچبولمىغاندىمۇ بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ چاغلاردا بۇ يەردە ئارگېنتىنالىق جۇلىئو كورتازار يەنە كارپىنتېر، نېرۇدامۇ بار ئىدى.
مەن ئۆزۈمنىڭ بىر لاتىن ئامېرىكىسىلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. مەن لاتىن ئامېرىكا يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق يېتەرسىزلىكى بولۇپلا قالماي، يەنە تىل، مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىدىم. بىزنىڭ ئورتاق تارىخىمىز ھەم ئورتاق يېتەرسىزلىكىمىز بار ئىكەن. ئۇ يىللاردا كۆپلىگەن يازغۇچىلار ئىنتايىن چوڭقۇر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇ شەكىل، ماھارەت، بايان ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى يېڭىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئاشۇ جۇشقۇن چاغلار ئۆزلۈكنى قايتىدىن تونۇيدىغان جەريان بولۇپ قالدى.
بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە مەن تۇنجى رومانىم «شەھەر ۋە ئىت»نى يازدىم. ئۇنىڭدا بىر ئۆسمۈرنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىسىنى بايان قىلدىم. كېيىن بايقىدىمكى، ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ھەمىشە بىر خىل ئۇسۇلدا يازغانىكەنمەن. بۇ تەرىپىم باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايتتى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ يازغىنى ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بىر جەريان بولسا، مەن ئىزچىل ئەسلىمىلىرىمدىكى ئوبرازلارنى قوزغىتىپ كەپتىمەن. سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز، ئەسلىمىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، بەزى نەرسىلەر يەنىلا ئىنتايىن سىرلىق تۇيۇلىدىكەن. ئۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ۋە خام خىيالىڭىزنى قوزغىتىپ، سىزگە بىر قىسىم بېشارەت ۋە ئوي - پىكىرنى ئاتا قىلىدىكەن.
ھەربىي مەكتەپتە ئىككى يىل تۇردۇم. ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مول تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغانىدى. پېرۇ پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەن دۆلەت ئىدى. مەسىلەن: جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن دېڭىز قىرغىقى، تاغلىق رايون، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان رايونى دەپ بۆلۈنەتتى. جەمئىيەت ئىقتىسادىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۆلەك - بۆلەك ئىدى. بەزى جايلار ئىنتايىن ئاۋات ئىدى، يەنە نۇرغۇن غەربلەشكەن ئادەملەر بولۇپ، پېرۇ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەينى چاغدا لاتىن ئامېرىكىسىمۇ مۇشۇنداق ئىدى. مەن بىر كاپىتالىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىدىم. پېرۇغا بولغان تەسىراتىم ئىنتايىن يۈزەكى ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدا نۇرغۇن دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى چۈشەنمەيتتىم. لېئون ھەربىي مەكتىپىدە ئەينى چاغدا ھەممە جايدىن كەلگەن ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بەزىلەر ھەربىي بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، يەنە بەزىلەر دېھقان بولۇشنى. ئۇ چاغدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بۇ ھەربىي ئىنستىتۇتقا كىرىپ ئوقۇيالايتتى. بۇ ئىنستىتۇت سىنىپىي قاتلام نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەئەينى كىچىك پېرۇنىڭ ئۆزى ئىدى. ئەلۋەتتە ھەربىي ئىنتىزام بەك قاتتىق ئىدى. خۇراپىيلىق، ئۆچ - ئاداۋەت دېگەندەك ھەر خىل ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ نەرسىلىرى بۇ يەردە مەۋجۇت ئىدى. بۇلار بەزىدە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالاتتى. بۇ كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەر بولسىمۇ، ئەمما ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. ئۇ يەردە كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ۋەتىنىمنىڭ قانداقلىقىنى، زوراۋانلىقنىڭ قانداقلىقىنى، بۆلۈنۈشنىڭ قانداقلىقىنى ۋە پېرۇ جەمئىيىتىنى چۈشەندىم. مەلۇم مەنىدىن بۇلار دەل مەن ئەڭ دەسلەپ ئوقۇغان ھېكايىلەردىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتلەر ئىكەن. مەن بۇرۇنلاردا ھامان بىركۈنى رومان يېزىپ چىقىمەن، ئۆزۈمنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى يازىمەن دەپ ئارزۇ قىلغانىدىم. شۇڭا مەن «شەھەر ۋە ئىت» رومانىمدا ھەقىقىي بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى يازدىم، ئۇنى 1958 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىپ پۈتكۈزدۈم، مېنىڭ ھېكايىلىرىم ھامان مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلاتتى.
تۇرمۇشتىكى مەلۇم نەرسىلەر، مەلۇم ئوبرازلار كاللامدا ساقلىنىپ قالىدۇ. بەزى سىرلىق ئوبرازلار ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلھامىمنى، تەسەۋۋۇرۇمنى، خام خىيالىمنى قوزغىتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرىمەن. مەسىلەن، ئۇنى ئۆزگەرتىمەن، يېزىپ بولۇپ يەنە ئۆزگەرتىمەن، ئۆزگەرتىپ بولۇپ يەنە يازىمەن. مۇشۇنداق قىلىپ رومانىم پۈتۈپ چىقىدۇ.
فىلوبېر بىلەن فولكنېرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.
رومان يېزىشقا ئىنتايىن كۈچ سەرپ قىلىمەن. يېزىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا پەقەتلا ئىشەنچ قىلالمايمەن. بولۇپمۇ ھېكايىنىڭ باش قىسمىنى يېزىۋاتقاندا ئۆز - ئۆزۈمگە بۇنى چوقۇم يېزىپ چىقالايمەن، قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمەن، دەپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا تىرىشىمەن. مەن ئۆز - ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنمەسلىكنى مۇشۇنداق يېڭىمەن. مەن بىر قىسىم يازغۇچىلارغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تالانتىلا ئەمەس، ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى مەندە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ھەم نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگەتكەن. مەسىلەن: 19 - ئەسىردىكى فىرانسىيەلىك يازغۇچى فىلوبېر. 1959 - يىلى پارىژغا بارغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىتاب ئوقۇدۇم، جۈملىدىن فىلوبېرنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. «بۇۋارىي خانىم»نى تولىمۇ ياقتۇردۇم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر قىسىم خەت - چەكلىرىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى بەك چوڭقۇر بولدى. بۇ خەت - چەكلەردە ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ۋە فىلوبېرنىڭ كۈندىلىك يېزىقچىلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مۇھەببەتتىن باشقا يەنە روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكى توغرۇلۇقمۇ بايانلار بار ئىدى. بۇلارنى كۆرگەن ئادەم فىلوبېرنى بىر تالانتلىق كىشى ئەمەس، بەلكى تىرىشچانلىق ۋە سەۋرچانلىقتىن باش كۆتۈرگەن يازغۇچى ئىكەن دەپ قالاتتى. ئۇ ئىنتايىن ئېدىتلىق، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدلەپ تۇرىدىغان يازغۇچى ئىدى. بۇ خىل تىرىشچانلىق بەدىلىگە ئۇنىڭ ھەربىر ئەسىرى باشتا بەك زېرىكىشلىك، قۇرغاق تۇيۇلسىمۇ، لېكىن بارا - بارا مۇكەممەللىشىپ باراتتى، ئاخىرىدا بىر پارچە ئېسىل ئەسەر، تالانتتىن پۈتكەن ئەسەر بولۇپ چىقاتتى. فىلوبېرنىڭ ئەسەرلىرى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى بەكمۇ زور. ئەگەر ئۇنىڭدا تالانت يوق دېيىلسە، ئۇ تىرىشچانلىق ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە ئارقىلىق تالانتىنى نامايان قىلدى. فىلوبېرنىڭ بۇ تەرىپىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىمەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئەڭ ئۇلۇغ ئەدەبىيات ئۇستازى دەپ قارايمەن.
يەنە ئامېرىكىلىق بىر يازغۇچى بار، ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوقۇنىمەن. ئۇ ماڭا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىياتى ۋە فىرانسىيە ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ئىنايىن زور، ئۇ دەل ۋېليام فولكنېردۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭ نەسر، ھېكايىلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە سالمىقى، ئەپچىل قۇرۇلمىسى كىشىگە گويا راستتەكلا تەسىر قىلىدۇ. ئىككىنچى ئەسىرىم »يېشىل ئۆي«نىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسلۇبى فولكنېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەن بىرنەچچە ئىنسانشۇناس بىلەن بىرلىكتە پېرۇنىڭ ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىق رايونى، ئامازون دەرياسى بويىدىكى ئىندىيان قەبىلىلىرى تەۋەلىكىگە بېرىپ بىرنەچچە ھەپتە تۇرۇپ قالدىم. ماڭا بۇ يەرلەر بەكمۇ يېڭى تۇيۇلدى. بۇ يەردە تەبىئەت ئىپتىدائىي پېتى بولۇپ، بەزى قەبىلىلەر تېخىچە تاش قوراللار دەۋرىدە ياشايتتى، ھازىرقى زاماننىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن ئاز ئىدى. بىراق مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق ھەم قالتىس ئىدى. ياۋروپاغا قايتىدىغان چاغدا كاللامدا ئىنتايىن مول تەسىراتلار قالغانىدى.
ئىككىنچى رومانىم «يېشىل ئۆي»دىن كېيىن، «سېرژانت پاندارىيان ۋە تۆھپىكار ھەربىينىڭ قىزى»، «بايانچى» دېگەن ئىككى روماننى يازدىم. بۇ ئۈچ رومان مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلار «شەھەر ۋە ئىت» رومانىمدىكى ئىنتايىن ئوبيېكتىپ بولغان بايانغا ئوخشىمايدۇ. «يېشىل ئۆي» ئىنتايىن سۇبيېكتىپ بولۇپ، ئوخشىمىغان بايانچىلار، نەسرگە خاس ئۇسلۇب بار. نەسرنىڭ ئۇسلۇبىدىن ھېكايىلەرنىڭ قات - قېتىغا كىرەلەيسىز. يەنە ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدىكى ئادەمنى ئېزىقتۇرىدىغان مەنزىرىنى، ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم رىۋايەتلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ روماندا ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدىكى ھېكايىلەردىن باشقا يەنە پېرۇنىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونى، شىمالدىكى قۇملۇق رايونىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. ئۇ كىشىلەرگە كۆپ خىللىق ۋە مۇرەككەپلىك تەسىرى بېرىدۇ. چۈنكى، پېرۇ دېگەن بۇ دۆلەت پارچە - پارچە ۋە خىلمۇ خىللىقتىن پۈتكەن.
»مەيخانىدىكى پاراڭلار»نى يازغان چېغىمدا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانىدىم.
ئۈچىنچى رومانىم «مەيخانىدىكى پاراڭلار»غا ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدىم. پېرۇنىڭ مۇستەبىتلىك دەۋرىدە مەن تېخى بالا ئىدىم. بالاغەتكە يەتكۈچە سەككىز يىل ئۆتتى. بۇ سەككىز يىل مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەينى چاغدا ھەربىي مۇستەبىتلەر پېرۇلۇقلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى نابۇت قىلغان، بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى چەكلىگەنىدى. بۇ سەككىز يىل بىر مۇدھىش تارىخقا ئايلانغان بولۇپ، قانۇنلۇق سىياسىي يوق، پەقەت يەر ئاستى سىياسىي پائالىيەتلىرىلا مەۋجۇت ئىدى. مەن ئوقۇغان سان مارك ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ مۇھىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ يەردە قارشىلىق كۆرسىتىش، بويسۇنماسلىق روھى ئەنئەنە ئىدى. مېنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشۇم دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ئىسيانكار ئىدىم، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئۈچ يىلدا. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا يەر ئاستى تەشكىلاتى بار ئىدى. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولۇپ تۇراتتى. كوممۇنىزم كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىسى سولغا مايىل مۆتىدىل بىر تەشكىلات بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەبىت تۈزۈم تەرىپىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىۋېتىلگەنىدى. مەن ئۇ تەشكىلات بىلەن بىر يىل ئالاقە باغلىدىم. گەرچە قىلالايدىغان ئىشىمىز كىچىك، ئادەم سانىمىز ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما بىز بىۋاسىتە، يەككە - يەككە ھالەتتە قارشىلىق كۆرسىتەتتۇق. ئۇ چاغدىكى ساقچىلار ئوقۇغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بىزنى پايلاپ تۇراتتى. شۇڭا ئىش قىلغاندا تولىمۇ ئېھتىيات قىلاتتۇق. بولۇپمۇ سىياسىي توغرۇلۇق گەپ قىلغاندا تولىمۇ ئېھتىيات قىلاتتۇق. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار تۈرمىگە قامالغان، سۈرگۈن قىلىنغانىدى، بەزىلىرى قېچىپ يۈرەتتى.
مەن «مەيخانىدىكى پاراڭلار»نى يازغان ۋاقتىمدا، بىر ئادەمدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغانىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاران بىرنەچچە مىنۇتلا كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ئىسمى ئوۋدىلىيە بولۇپ، خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ئۈزۈم ھارىقى سودىگىرى ئىكەن، ئاشۇ مۇستەبىتنىڭ بۇرادىرى بولسا كېرەك، بىر يۇمىلاپلا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇۋالغانىدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغاندا بىز ئەدىيال سېتىۋېلىپ ئۇنى تۈرمىگە كىرگۈزۈپ بەرمەكچى بولدۇق. تۈرمە باشلىقى ئۇنىمىدى، تەستىق ئېلىپ ئاندىن ئەكېلىڭلار دېدى. بىز بەش ئوقۇغۇچى ۋەكىل بولۇپ ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىچكى كابىنېتقا − ئىچكى كابىنېتتىكى خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇ ئىنتايىن كونىراپ كەتكەن، كارىدورىمۇ ئىنتايىن قاراڭغۇ بىر بىنا ئىكەن. تولىمۇ قەبىھ كۆرۈنىدىغان بىر ئادەم ئىشخانىسىدا بىزگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ قارشى ئېلىش ئىپادىسى بىلدۈرمىدى، گويا چېكەتكىدەك بىزگە قارىغىنى قارىغانىدى. ھەممىمىز ئۆرە تۇراتتۇق، ئۇ ئولتۇراتتى. بىز تولىمۇ قورقتۇق. ئۇنىڭغا بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىمىزنى، ئەدىياللارنى قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈمىدىمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق. ئۇ بىزگە قارىغىنىچە تارتمىسىنى ئېچىپ بىرنەچچە ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ كۆرۈپ بېقىشىمىزغا تەڭلىدى، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا بېسىلغان بىر مەخپىي گېزىت ئىدى.



ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار