دۆلەت بىر روتا ئەسكەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى باستۇرماقچى بولۇپ مەغلۇپ بوپتۇ. بۇ چاغدا بىرازىلىيەنى ئەنسىزلىك قاپلاپتۇ. ھۆكۈمەت نامراتلارنىڭ نېمىشقا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ جۇمھۇرىيەتكە قارشى چىققىنىنى چۈشەنمەيدىكەن. زىيالىيلار بىر نەزەرىيەنى يەكۈنلەپ چىقىپتۇ: بۇ ھەرگىزمۇ نامراتلارنىڭ جۇمھۇرىيەتكە قارشى ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى پورتۇگالىيەدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن خانلىق تۈزۈمىنى ھىمايە قىلغۇچى ئارگېنتىنالىقلارنىڭ شەرقىي شىمالدىكىلەرنى ئېزىقتۇرۇشىدىن بولغان پاراكەندىچىلىك ئىكەن. چۈنكى، بۇرۇن ئەنگلىيە بىلەن بىرازىلىيە خانلىق تۈزۈم دەۋرىدە تولىمۇ يېقىن ئۆتكەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىر گۇرۇپپىۋۇي ئارمىيەنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى باستۇرماقچى بولۇپ يەنىلا مەغلۇپ بوپتۇ. جۇمھۇرىيەت قەھرىمانلىرىنىڭ ئۆلۈكى دالادا قاپتۇ. بۇ ئارمىيە ئالدىنقى سەپكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلاپ ساختا دوكلات يوللاپ، كۆك كۆزلۈك دېھقانلارنى يالغاندىن ياسىنىۋالغان ئەنگلىيەلىكلەر دەپ ئاتىغانىكەن. يالغان بىلەن راست ئارىلىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن، قوزغىلاڭ نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقانىكەن. بىز نېمە ئىش قىلىپ قويدۇق؟ دەپ سورىغان ئىكەن داكۇنخا. ئۇ نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈپ، بىرازىلىيە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇنياغا ئايلاندى. ئىنتايىن ئەسەبىي ئىككى دۇنيا ئۆزئارا پېتىشمايدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىشمەيدۇ، مەسىلىنى پەقەت قىرغىنچىلىق بىلەن ھەل قىلماقچى بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن نېمىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى، نېمىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم. توساتتىن بىر رومان يېزىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ھېچقاچان مەن چۈشەنمەيدىغان، مەن بېرىپ باقمىغان دۆلەتنى يېزىشنى، تارىخىي ۋەقەلەرنى يېزىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. ئۇ دۆلەتنىڭ تىلى مەن يېزىقچىلىق قىلىدىغان تىل ئەمەس ئىدى. لېكىن، مەندە چوقۇم يېزىپ چىقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. دەرھال باشقا بىر روماننى يېزىشقا كىرىشتىم. ئۇ »قىيامەتتىكى جەڭ« رومانىمدۇر. ئۇنىڭدا داكۇنخانى باش قەھرىمان قىلدىم، ئۇنى جەڭگاھ مۇخبىرى قىلىپ تەسۋىرلىدىم. مەنمۇ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر سىمۋوللۇق گېنېرال ھەققىدە ئەسەر يازغان. 1931 - يىلى ئۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەنىدى. 1974 - يىلى بىرازىلىيەگە بېرىپ سەككىز ئاي خىزمەتتە بولدۇم. ئۇ يەردە تۇمخىللارغا ئائىت نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم. بىراق، بۇلار ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەمەستەك ئىدى. ئۇلاردا ئېيتىلغان رەھىمسىزلىك، چىرىكلىك بۇ گېنېرالنى گويا ھەزىلكەشلەردەك كۆرسىتىپ قويغان بولۇپ، پۈتكۈل دۆلەت خۇددى بىر كۈلكىلىك تىياتىرغا ئايلىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇنى ھېكايە قىلىپ يازماقچى بولدۇم. بەزى ئىشلار ئاشكارا كومېدىيەنىڭ ئۆزى ئىدى. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ شۇنداق كومېدىيەلىك تۈس ئالغان. بۇ ئىشلارنى چوقۇم رومان قىلىپ يېزىپ چىقىشىم كېرەك دەپ ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە ئاڭلىغان نۇرغۇن ۋەقەلەرنى »قوچقارنىڭ بايرىمى« دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزدۈم. ئۇنىڭدا بىر مۇستەبىتنىڭ ھېكايىسى سۆزلەندى. بىر يازغۇچى ئىنتايىن توغرا تىل بىلەن سىياسىيغا تۆھپە قوشالايدۇ ياكى ئۇنى ئىنتايىن روشەنلەشتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەن ئەزەلدىن ئۆزۈم چۈشەنمەيدىغان ئىككى دۆلەت − كونگو بىلەن ئىرېلاندىيە ھەققىدە بىرنەرسە يېزىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. بۇمۇ كىتاب ئوقۇۋېتىپ كەلگەن ئىلھام ئىدى. يوسېف كونراد دەيدىغان ئىتايىن داڭلىق بىر يازغۇچى بار، ئۇ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ھېكايىسىنى يازىدۇ. بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇ كونگوغا كېلىپ بىر ئىرېلاندىيەلىك بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇ يەردە سەككىز يىل ياشايدۇ ھەم كۆپ ئىشلارنى كۆرىدۇ. بېلگىيە كونگونى بېسىۋالغان چاغلاردا ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش ئۇ يەرگە ئارمىيە كىرسە، سودا ۋە زامانىۋىلىشىش بولسا، مۇستەملىكە داۋام قىلسا، ناھايىتى ياخشى ئىش دەپ قارايدۇ. روج كايىسمانلار ئىشنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ كونگونىڭ كاۋچۇكزارلىقىدا ياۋروپالىقلارنىڭ ھېچقانداق ھەققى يوقلۇقىنى بىلەتتى. كونرادنىڭ رومانىنى نۇرغۇن قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى 20 - ئەسىردىكى بۈيۈك ئەسەر ئىكەن دەپ قارىغانىدىم. ئۇمۇ ئىلگىرى ئامازون دەرياسى بويلىرىدا كولومبىيە ۋە پېرۇلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئاساسلىقى ئىندىيانلارنىڭ كاۋچۇكزارلىقىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. چۈنكى، ئۇنىڭ 20 يىللىق تىرىشچانلىقى بەدىلىگە ياۋروپا، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كاۋچۇكزارلىقتا قىلغان زوراۋانلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش دولقۇنى قوزغالغان. مەن يېڭى بىر ئەسەرنى يېزىشقا باشلىدىم، ئىنتايىن قالتىس بىر ئادەمنى تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم. ئۇ بىر مىللىي قەھرىمان ھەم ئىنتايىن بەختسىز ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدىن باشقىلار خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن قالتىس ھېكايىلەر بولۇپ، بۇلار پېرۇدا ئەمەس، بەلكى مەن چۈشەنمەيدىغان جايلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بەك كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا موھتاج بولدۇم. مەن بۇ كەچۈرمىشلىرىمدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، يېزىقچىلىق ماڭا نىسبەتەن ھامان بىر قالتىس ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتىكى تەۋەككۈلچىلىكلىرىمنى خاتىرىلەيدىغان ئىنتايىن ياخشى ئۇسۇل ئىكەن. سىز ئىجاد قىلىۋاتقىنىڭىزدا، بىر ھېكايىنى بايقايسىز. ئۇ بىر ئۆلگەن ھېكايە بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن نەرسىلەر سىزنى ئۇنى تىرىلدۈرۈشكە قىستايدۇ. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ئۇنى تىرىلدۈرىدۇ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان كارامەت ئىش. سىز نۇرغۇن تىرىشچانلىقتىن كېيىن ئۇنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىيسىز، مانا بۇ يېزىقچىلىقنىڭ سىزگە بېرىدىغان لەززىتى. باشقا بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خۇددى فىلوبېرنىڭ خەت - چەكلەر توپلىمىدا ئېيتىلغاندەك: يېزىقچىلىق بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىدۇر. يېزىقچىلىق ھەرگىزمۇ ئۈستەل ئالدىدا بىرنەچچە سائەت ئولتۇرۇپ بىرنەرسە يېزىش ئەمەس ياكى كومپيۇتېردا خەت بېسىش ئەمەس، بەلكى يېزىقچىلىق ھاياتىڭىز سىزگە ئاتا قىلغان تۇرمۇش رىتىمىڭىزدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ سىزنى پۈتكۈل رېئال دۇنيانى تەرك ئېتىپ، خىيالىي دۇنيادا ياشاڭ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئېھتىمال بەزى بۈيۈك يازغۇچىلار مۇشۇنداق قىلىدىغاندۇ، لېكىن مەن بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايمەن. مەن يالغۇز كۇتۇپخانامدىلا ئەمەس، كوچىلاردىمۇ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشنى بەكمۇ خالايمەن. مەن ھەر كۈنى ئەتراپىمدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى يازىمەن. بۇ ۋەقەلەر ئېھتىمال بىر - بىرىگە باغلانماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ تۇرمۇشتىكى ئىشلاردۇر. شۇڭا خەۋەر ئوقۇيمەن، كوچىدا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولىمەن. ئاخباراتچىلىق كەچۈرمىشىمنىڭ يېزىقچىلىقىمدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئاخباراتچىلىق كەسپى مېنى جەمئىيەتكە چۆكەلەيدىغان، خەلق بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان قىلدى. بۇ يالغۇز مېنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكىلا ئەمەس، بەلكى پۇقرا بولۇشتىكى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى سالمىقىمدۇر. سىز شەھەر قىياپىتى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققياتىدىن مەمنۇن بولسىڭىز، چوقۇم ئاپىرىن ئېيتىسىز ھەم ئۇ خىل تاللاشنى توغرا دەپ قاراپ ئۇنى ھىمايە قىلىسىز. تەنقىد قىلىش لازىم دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا تەنقىد قىلىڭ. قايسى ئىشتا تۆھپە قوشالىسىڭىز شۇ ئىشنى قىلىڭ. بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىكى سەيياھتۇرسىز. سىز ئەڭ توغرا بولغان تىل ئارقىلىق سىياسىي ئۈچۈن تۆھپە قوشالايسىز ياكى ئۇنى ئەڭ روشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيسىز. سىياسىينىڭ تىلى بىر خىل ئۆلۈك تىل. ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ پارىڭى بولسا پاكىتلارنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا يازغۇچىلار ھەقىقەتەن ئاز - تولا تۆھپە قوشىدۇ. سىياسىي نۇتۇق، سىياسىي مۇنازىرىلەردە ئاز - تولا كارغا يارايسىز. خام خىيال ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بولۇشىڭىز كېرەك. كىشىلىك ھايات، ئىجتىمائىي ھايات، سىياسىي ھايات... بۇلارنىڭ ھەممىسى خام خىيال ۋە تەسەۋۋۇرغا موھتاج. چۈنكى، چوڭ بىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا، دەۋر بىزنى بۇ جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشقا تاللايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ھەممە يازغۇچىلار سىياسىيون بولۇشى كېرەك دېگىنىم ئەمەس. بۇنىڭدا قىزىقىشىڭىزنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئايرىم شەكىلدىكى مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرگە چوقۇم قاتنىشىش كېرەك. بارلىق پۇقرالارغا ئوخشاش بىزمۇ ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بىز سىياسىينى يالغۇز سىياسىيونلارغىلا تاشلاپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك. بولمايدىكەن، سىياسىي ئىنتايىن چاتاق بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بارلىق پۇقرالار چوقۇم پۈتكۈل سىياسىيغا ۋە تۇرمۇشقا قاتنىشىش كېرەك. بۇ خىل قاتنىشىش چوقۇم ئىنتايىن توغرا تاللاش بولۇپ چىقىدۇ. ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئەدەبىيات بىر خىل تەنقىدىي روھ. ئەڭ ئاخىرقى مەسىلە − مەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشنىڭ، ھاياتىمدا يازغان نەرسىلىرىمنىڭ كېرىكى نېمە؟ كۆپچىلىكنى تولىمۇ خۇشال قىلغان بىرنەچچە سائەت ۋاقىتتىن باشقا، مېنىڭ كىتابىم ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھاياتىغا قانداق ئىزلارنى قالدۇردى؟ مەن ئىنتايىن چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردى دەپ قارايمەن. ئوقۇرمەنلەر بىر قىسىم ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى بىلىۋېلىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى مەندىكى «كېسەللىك ئاسارىتى» تارىختا چوقۇم بەزى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كېسەللىك ئاسارىتى ۋە تەسىر دېگەن نېمە؟ بىر ياخشى ئەدەبىي ئەسەر بىزدە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇ ھاياتىمىزنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانى قايىل قىلىدۇ. رېئاللىق ھەرگىزمۇ بىز ئويلىۋالغاندەك ئۇنداق نەرسە ئەمەس ھەم ھەرگىزمۇ بىز قانداق ئويلىۋالغان بولساق شۇنداق بولىدىغان نەرسە ئەمەس. «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «بۇۋارى خانىم»، «پاجىئەلىك دۇنيا»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، رېئال دۇنياغا قايتىدن نەزەر سېلىپ باقايلى، بىز ئىجاد قىلغان دۇنياغا سېلىشتۇرغاندا رېئال دۇنيا نېمىدېگەن كىچىك - ھە! ياخشى ئەسەر ھەقىقەتەن ئاز - تولا ئىز قالدۇرالايدۇ، بۇ خىل ئىز بىر خىل قانائەتلەنمەسلىكتۇر. ياخشى ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەنلەردە قانائەتسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشى كېرەك بولغان دۇنيانى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى، ئۆزگىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەن بۇ تۇيغۇنى «ئۆزگەرگەن موتور» دەپ ئاتايمەن. ئەگەر ئىنسانلار بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلەي رازى بولغان بولسا، بىز تاغدىكى ئۆڭكۈردىن چىقمىغان ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلمىغان بولاتتۇق. دەل مۇشۇ قانائەت قىلماسلىق تۈپەيلىدىن، بىز تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باشقىچە بولغان رېئال جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇڭا ئەدەبىيات ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەدەبىيات ئىنتايىن مۇھىم بىر تەشكىلىي تەركىب، يەنى مەدەنىيەتنىڭ تەشكىلىي تەركىبى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەشكىلىي تەركىبى. شۇڭا بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزدە، تېخىمۇ توغرىسى تالانتلىقلار ۋە پۇقرالارنى تەربىيەلەشتە ئەدەبىيات ئىنتايىن مۇھىم ئاساس. ئەڭ مۇھىمى، ئەدەبىيات بىر خىل تەنقىدىي روھ. نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ شېئىر - رومان ئوقۇش ياكى دىراما كۆرۈش ئەلۋەتتە ئىنتايىن ھۇزۇرلۇق ئىش ھەم ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بەخت تۇيغۇسىدۇر. بۇمۇ ئوخشاشلا ئەدەبىياتنىڭ تۆھپىسى. سىزنىڭ بۇ خىل ئىدىيەڭىز جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ مۇشۇ تۆھپىسى سەۋەبىدىن جەمئىيەت ئۈزۈكسىز ئالغا باسىدۇ. |