بىر يازغۇچىنىڭ ئىقرارى(3)

يوللانغان ۋاقتى:07-02-2014   مەنبە: تارىم 2012-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بۇ نېمە؟ سىلەر ئالىي مەكتەپتە بىزگە ھۇجۇم قىلىش، تىللاش ئۈچۈن ئوقۇۋاتامسىلەر؟ دېدى ئۇ. مەيخانىدىكى پاراڭلار د

− بۇ نېمە؟ سىلەر ئالىي مەكتەپتە بىزگە ھۇجۇم قىلىش، تىللاش ئۈچۈن ئوقۇۋاتامسىلەر؟ − دېدى ئۇ.
»مەيخانىدىكى پاراڭلار» دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كاللامدا شەكىللىنىشكە باشلىدى. بىر ۋىجىك ئادەم قولىغا گېزىتنى ئېلىپ بىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمىز ئۈچۈن تەڭلەيدۇ. ئۇ ئادەم ئىنتايىن بىچارە، شۇنداقلا قورقۇنچلۇق تەسىر بېرەتتى. نۇرغۇن ئادەم قولغا ئېلىندى. مەن مۇشۇ كۈننى بىر رومان قىلىپ يېزىپ چىقىشنى ئويلىدىم. بۇ مۇدھىش دەۋرنى يېزىشتا مۇشۇ ئادەمنى يېزىش ئارقىلىق سىياسىي ھوقۇق ۋە ھوقۇق مەركەزچىلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولدۇم. مەن ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان رومان مۇشۇ رومانىمدۇر. بۇ رومانىمدا بىر مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكى ۋە نابۇت قىلغانلىقىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولدۇم. مەيلى سىياسىي بىلەن ئالاقىسىز نەرسىلەر بولسۇن، مەيلى ئائىلە تۇرمۇشى بولسۇن، مەيلى مۇھەببەت بولسۇن، ھەممىنى شۇلار نابۇت قىلغانىدى. سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىز ھامان سىياسىي بىلەني اكى چىرىك سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، سىز مەيلى يول قويۇڭ ياكى يول قويماڭ، قوشۇلۇڭ ياكى قوشۇلماڭ، ھاياتلىق ئۈچۈن چوقۇم ئۇلارغا ئازراق يول قويماي تۇرالمايسىز. مەن بۇ روماننى يېزىشنى باشلىغىنىمدا، ئوخشىمىغان يۇرتتىكى ئوخشىمىغان ئادەملەرنى قانداق باغلاشنى بىلەلمەي، تۇنجى يىلى بەك گاڭگىراپ قالدىم. كېيىن ئۇزاق پاراڭلىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىككى ئادەمنى پاراڭغا سالدىم. بۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق بولدى. بۇنداق پاراڭ باشقا ئادەملەرنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى، شۇڭا بايان خاراكتېرلىك پاراڭلىشىش شەكلىگە ئۆزگەرتتىم. ئۇنىڭغا بارلىق ئادەم ۋە ئىشلارنى كىرگۈزدۈم. بۇ كىتابنى يازغىنىمغا ئىنتايىن ئۇزاق يىل بولدى. ئەگەر بىرەر كىتابىمنى ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن «مەيخانىدىكى پاراڭلار»نى تاللايمەن. چۈنكى، ئۇنى ناھايىتى كۆپ ئەجىر بىلەن يېزىپ چىققانىدىم.
يېزىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزگەرتىشنى ياخشى كۆرىمەن.
ئالدىنقى ئۈچ رومانىمنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشايدۇ. بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەستىلىكلەر تەدرىجىي بىر تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىمەن. بىر رومان يېزىش ماڭا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ كۇتۇپخانامدا ئولتۇرۇپ بىرنەچچە سائەت يېزىقچىلىق قىلىش ئەمەس. يېزىقچىلىق ئاستا - ئاستا بىر يۆگەك بولسا، بىرنەچچە سائەت يېزىقچىلىق قىلغاندىن سىرتقى چاغدىكى ئۆزىڭىزنى بۇ يۆگەكنىڭ ئىچىگە ئېلىشىڭىز كېرەك. ئەمدىلا يېزىشنى باشلىغان ۋاقتىڭىزدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھېكايە قۇرۇلمىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان چاغدا ئەھۋال ھامان مۇشۇنداق بولىدۇ. يېزىشنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ئارگىنالنى پۈتكۈزۈشتە ھەممىدىن بەك جاپا تارتىمەن. ئارگىنال پۈتكەندە ئەسىرىمنىڭ تۇنجى نۇسخىسى بار بولىدۇ. لېكىن بۇ بىرقەدەر قالايمىقان نەرسە بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بۇ چاغدا قىلىدىغان ئىشىم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ، شۇڭا مەن ياخشى كۆرىمەن.
مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم يېزىش ئەمەس، بەلكى تۈزىتىشتۇر. مەن نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ يازغانلىرىمنى تۈزىتىشتىن ھۇزۇرلىنىمەن. بۇ چاغدىكى ئەھۋالىم يېزىشنى ئەمدىلا باشلىغان ۋاقتىمدىكى ئۈستەلگە ئېڭىشىپ ئولتۇرۇشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلايدىغان ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ. بىر ئادەم قانداق تىرىشىشىدىن قەتئىينەزەر، كۈتكەن نەرسىگە ئېرىشىۋەرمەيدۇ. بىراق، ھېس قىلىشىڭىز كېرەككى، ھېچ نەرسە يازالمىغان ياكى تولۇقلاپ يازالمىغان ۋاقتىڭىزدا، تېگىشلىك جايلىرىنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، بۇمۇ ياخشى ئىش. لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا بەك جىق ئۆزگەرتمەيمەن. مەن يەنە داۋاملىق تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، ئەگەر يەنە داۋاملاشتۇرسام رومانىمنىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كېتىدىغان چاغدا توختايمەن. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. بىر روماننى ئىككى يىل ياكى ئۈچ يىل يازسىڭىز ئۆزىڭىز ياراتقان دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي بىرىكىپ كېتىسىز، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ئاجراتمىقىڭىز ئىنتايىن تەس بولىدۇ. شۇڭا بىر رومان يېزىلىپ پۈتكەن ۋاقىتتا، ئۇ سىزنىڭ ئەسلىمىڭىزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى شۇنىڭدىن باشلاپ غايىب بولىدۇ. رومانىم پۈتكەندىن كېيىن كاللام ۋاكۇئۇم ھالەتتە تۇرۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، يەنە ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كېتىمەن. ئەڭ ئاخىرقى تۈزىتىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمدا، كېيىنكى رومانىم ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرۇم قانات يايغان بولىدۇ.
چوقۇم يازىمەن دەيدىغان بىر خىل تۇيغۇ قىستايدۇ: مەسىلەن، «قىيامەتتىكى ئۇرۇش» شۇنداق يېزىلغان.
نېمىشقا بەزى تۇرمۇش سەرگۈزەشتىڭىز ئىلھامىڭىزنى قوزغايدۇ ھەم سىزنى يېزىشقا قىستايدۇ، باشقا سەرگۈزەشتلىرىڭىز بۇنداق ئىلھامنى قوزغىيالمايدۇ ياكى ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؟
مەنمۇ بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيمەن. بۇ توغرۇلۇق باشقا يازغۇچىلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ باقتىم. ئۇلارمۇ بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئىنتايىن گاڭگىرايدىكەن. بۇنداق ئىلھامنى، بولۇپمۇ ئىجادىي ئىلھامنى قوزغايدىغان ئايرىم كەچۈرمىشلەر ئېھتىمال ھاياتىڭىزدا سىزنى ئازابلىغان نەرسىلەر بولۇپ، قەلبىڭىزنىڭ پىنھان يېرىدە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى يازدىم، ھەرگىزمۇ بىرەر كەچۈرمىشنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئاندىن ئۇنى ھېكايە قىلىپ يازمىدىم. ئەزەلدىن ئۇنداق قىلىپ باقمىدىم. بەزى ئىشلار مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرسە، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئىلھامغا ئايلىنىپ مېنى يېزىشقا قىستايدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ھەقىقەتەن بەك غەلىتە. مەسىلەن: مەن ئەزەلدىن پېرۇدا يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى يېزىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. بۇنى مەندىكى مىللىي ھېسسىيات دېگىلى بولمايدۇ، مەن پەقەت ئۆز دۆلىتىمنىڭ ئىشلىرىنىلا يازالايمەن. ئىسپان تىلىدا پېرۇدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بولۇپمۇ ياشلىق دەۋرىمدە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىشلارنى يازغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ ئۇ ئەسىرىمدە ئايان بولۇشىنى شەرت قىلىمەن.
بىركۈنى مەن قالتىس يېزىلغان بىر كىتابنى ئوقۇدۇم. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسىغا ئائىت كىتاب بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئادەملەر چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىدى. ئۇ بىرازىلىيەلىك يازغۇچى داكۇنخانىڭ «مەركىزىي رايون» دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتى بولۇپ، قىزغىن ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭدا بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 20 - ئەسىردە يۈز بەرگەن كاندوس ئىچكى ئۇرۇشى يېزىلغانىدى. ئۇ چاغدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىكەن. ھېچقانداق زوراۋانلىق يۈز بەرمەيلا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، خانلىق تۈزۈم يوقىتىلىپتۇ. كىشىلەر ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىكەن، يېڭى تۈزۈمنىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغانلىقىغا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئەمما، شەرقىي شىمالدىكى بىر قىسىم دېھقانلار جۇمھۇرىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپتۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى نامراتلارنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىدىغۇ؟



ھالقىلىق سۆزلەر : چەتئەل، ئەسەر، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار