مۇھەببەت مېتافىزىكىسى-خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت(5)

يوللانغان ۋاقتى:10-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سىرتىدىكﯽ مەلۇم نەرسە ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر ساپ مۇھ
ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سىرتىدىكﯽ مەلۇم نەرسە ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر ساپ مۇھەببەت ئۇقۇمﯽ بولمىغاندا، بۇ قاراشنﯽ چۈشىنىش سەل قىيىنغا توختىغان بولاتتﯽ. فېرمىنا ئەينﯽ ۋاقىتتىكﯽ گۈزەل قىز ئەمەس، بەلكﯽ بىر موماي ئىدﯼ. فىلورېنتىنونىڭ نەزەرىدە، ئۇ 600 دىن كۆپ ئايال بىلەن بىللە بولغان تۇرۇپ پاك بولۇپلا قالماي، بەلكﯽ 70 تىن ئاشقان فېرمىنامۇ “پاك” ئىدﯼ. چۈنكﯽ، ئۇ ئۆزىنىڭ خېتىدە بىلدۈرگەندەك، مۇھەببەت تەندىن ھالقىغان، مۇھەببەت قېرىمايدۇ، بەلكﯽ مۇھەببەت ئۇلارنﯽ مەڭگۈ ياشنىتىپ تۇرىدۇ. گارسىيەنىڭ مۇھەببەت مېتافىزىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەببەتنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي سۈپەتلىرﯼ ياكﯽ ھادىسىلىرىلا ئەمەس، بەلكﯽ تەننىڭ قېرىشﯽ، ياشنىڭ چوڭىيىشىمۇ مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتﯽ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدﯼ. چۈنكﯽ، مۇھەببەت تەن ۋە ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان بولۇپ، بىر ئادەم شۇنچە كۆپ ئايال بىلەن بىرگە بولۇپمۇ، يېشﯽ 80 گە يېقىنلىشىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا “پاك” تۇرۇۋېرىدۇ. ئەگەر پىلاتونچىلارنىڭ روھ ۋە تەن ئىككىلەمچىلىكﯽ قارىشﯽ بولمىغان بولسا، گارسىيە ماركوزنىڭ مۇھەببەت مېتافىزىكىسىنﯽ چۈشىنىش قىيىنغا توختىغان بولاتتﯽ. پىلاتونچىلارنىڭ قارىشىچە، تەن ئۆزگىرىدۇ ۋە بۇلغىنىدۇ. ئەمما روھ مەڭگۈ ساپ ۋە ھەقىقىي بولىدۇ. تەن روھنىڭ قەبرىسﯽ بولۇپ، تەن ئۆلگەندە روھ ھۆرلۈككە چىقىدۇ. بۇ قاراشلار تارىختا نىئو - پىلاتونىزمچىلار، خىرىستىيان ۋە ئىسلام پەيلاسوپلىرﯼ، سوفﯽ ۋە كالامچىلارنﯽ ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئەمدىلىكتە بۇ قەدىمىي پەلسەپىنىڭ ئەرۋاھﯽ قارىماققا گارسىيە ماركوزنىڭ مۇھەببەت مېتافىزىكىسىغا جان كىرگۈزۈۋاتاتتﯽ.
فىلورېنتىنونىڭ پاراخوتتا خولېرا بايرىقﯽ چىقىرىشﯽ گارسىيەنىڭ مۇھەببەت مېتافىزىكىسىنﯽ چۈشىنىشتىكﯽ ئاچقۇچتۇر. مۇھەببەتنىڭ قارشﯽ تەرىپﯽ نەپرەتمۇ، ئۆلۈممۇ ئەمەس، بەلكﯽ مۇھەببەتسىزلىك ياكﯽ مۇھەببەتنىڭ يوقلۇقىدۇر. فىلورېنتىنونىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يوقلۇق ھەممىدىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، خولېرا ۋە ئۆلۈممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھەيۋىسىنﯽ يوقىتىدۇ. ئەگەر مۇھەببەتسىزلىك ھەممىدىن قورقۇنچلۇق بولسا فىلورېنتىنو ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنﯽ، ھەتتا ھاياتنىمۇ قۇربان قىلىشقا ئەرزىيتتﯽ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بەرگەنكﯽ، خولېرا ۋە ئۆلۈمنﯽ مۇھەببەتسىزلىكتىنمۇ قورقۇنچلۇق دەپ قارىغانلار مۇھەببەتكە لايىق كەلمەيدۇ، چۈنكﯽ ئۇلار ھاياتلىقنىڭ مەنىسﯽ ۋە تاجىسىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنﯽ بىلمەيدۇ. بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە فىلورېنتىنوغا “ئاتا مىراس” ئىدﯼ. فىلورېنتىنونىڭ دادىسﯽ سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقﯽ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكﯽ مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلمەيۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنﯽ ئېيتقانىدﯼ. ئۇنىڭ دادىسﯽ ئۇتۇق قازانغان كاپىتالىست بولسىمۇ، مۇھەببەت ئىشىدا مەغلۇپ بولغۇچﯽ ئىدﯼ. دادىسﯽ ھاياتىدا ساناقسىز ئاياللار بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇھەببەتسىز ھالدا بۇ دۇنيادىن كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانىدﯼ. فىلورېنتىنونىڭ تاغىسﯽ چوڭ كاپىتالىست تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزىنﯽ بىر “پۇلﯽ بار كەمبەغەل” دەپ ئاتايتتﯽ. چۈنكﯽ ھەقىقىي مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىلﯽ بولمايدىغان “كەمبەغەللىك” ھېسابلىناتتﯽ. فىلورېنتىنو گەرچە دادىسﯽ ۋە تاغىسىدەك ئۇتۇقلۇق كاپىتالىستلاردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا شۇنىسﯽ ئېنىق بولىدۇكﯽ، ئۇ ئاقىۋەتتە ھەر ئىككىلىسىدىن “باي” ئىدﯼ. ئۇ مۇھەببەتسىز ئۆلمەستىن، بەلكﯽ قىرغاققا يېقىنلىشىشﯽ مەنئﯽ قىلىنغان پاراخۇتتا مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈۋاتاتتﯽ، جەمەتىنىڭ قەدىمىي چۈشىنﯽ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇۋاتاتتﯽ. بىمەنە يېرﯼ شۇكﯽ، قورقۇنچلۇق خولېرا ئۇنىڭ ئىشق ۋىسالىغا يېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. يەنﯽ، مۇھەببەتنىڭ ساپ قىممىتﯽ نۇقتىسىدىن، خولېرا يامانلىقتىن ياخشىلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇلار كارىۋاتتا ياتقاندا فېرمىنا “بىز قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرىمىز؟” دەپ سورايدۇ. 80 گە كىرەي دەپ قالغان فىلورېنتىنو “مەڭگۈ” دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
“خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت”تە گارسىيە ماركوز قايسﯽ خىل مۇھەببەتنىڭ دىن، ئەخلاق ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئەگەر ئۇ شۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەسىرﯼ نۇرغۇنلىغان دىداكتىك ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكﯽ يەنە بىرﯼ بولۇپ قالغان، بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرﯼ پەللىسىگە يېتەلمىگەن بولاتتﯽ. شۈبھىسىزكﯽ گارسىيە مۇھەببەتنﯽ چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر خىل ھادىسىلىرﯼ ئارقىسىدىكﯽ ماھىيىتىگە دىققەت قىلىش لازىم دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ قارىماققا ئاددىي بىلىنگەن ئۇسلۇبﯽ ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر پەلسەپىۋﯼ قاراش ئاساسىغا ئورنىتىلغان. كىلاسسىك مېتافىزىكىغا ئاساسلانغاندا، بىر نەرسىنىڭ ھەر خىل شەكىللەرگە كىرگەندىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان ئالاھىدىلىكﯽ شۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتﯽ بولىدۇ. چاسا، يۇمىلاق ۋە ئۆلچەمسىز شەكىللەردىكﯽ ھەر خىل ياغاچلارنىڭ ھەممىسﯽ )ئۇلارنﯽ تۆمۈر ياكﯽ تاشتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغانيا (غاچلىق ماھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
مېتافىزىكىدىكﯽ ھادىسە ۋە ماھىيەتنىڭ مۇشۇ ئىككىلەمچىلىك تەبىرﯼ بويىچە قارىغاندا، بىر مۇھەببەت قانۇنلۇق ۋە ئەخلاقلىق بولۇشتىن قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىز بولۇشقا ئۆزگىرىش بىلەنلا مۇھەببەتلىك ماھىيىتىنﯽ يوقىتىپ قويمايدۇ، ئەمما بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ گارسىيە ماركوز ھەممىلا خىل



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار