مۇھەببەت مېتافىزىكىسى-خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت(3)

يوللانغان ۋاقتى:10-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
كېمىدىكﯽ چاغدا بىر كېچىسﯽ ئۇ كارىدوردا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر ئىشىك ئېچىل
كېمىدىكﯽ چاغدا بىر كېچىسﯽ ئۇ كارىدوردا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر ئىشىك ئېچىلىپ بىر قول ئۇنﯽ ئۆيگە تارتىپ ئەكىرىپ كېتىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا ئۇ بىر ياش ئايالنىڭ يالىڭاچ تېنىنﯽ كۆرىدۇ. ئايال ئۇنﯽ كارىۋاتقا ئىتتىرىدۇ، ئىككەيلەن تېپچەكلەپ ياۋا قىسقۇچپاقا پۇرىقﯽ بىلەن تولغان سازلىققا ئوخشايدىغان تېگﯽ يوق چوڭقۇرلۇققا كىرىپ كېتىدۇ. فىلورېنتىنودا تاغ چوققىسىغا چىققانغا ئوخشايدىغان لەززەتلىك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ ئۆزىمۇ ئىشىنەلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رېئال مۇھەببەتنﯽ ۋاقىتلىق ھالدا فېرمىناغا بولغان غايىۋﯼ مۇھەببەتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلﯽ بولىدىغانلىقىنﯽ بايقايدۇ. ئۇرۇش بولۇۋاتقان بىر كۈنﯽ يىراق - يېقىنغا نامﯽ تارقالغان گېنېرال ناسارېسنىڭ تۇل قالغان خوتۇنﯽ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيﯽ توپ ئوقىدا ۋەيران بولغانىدﯼ. فىلورېنتىنونىڭ ئانىسﯽ تىرانستو بۇ پۇرسەتنﯽ چىڭ تۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنﯽ باھانە قىلىپ، ئۇ تۇل ئايالنﯽ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن فىلورېنتىنو تەننىڭ خۇشلۇقﯽ ئارقىلىق روھنىڭ ئازابلىرىنﯽ بېسىش يولىغا قەدەم قويىدۇ. فلورېنتىنو ھەر خىل ئاياللارنىڭ قوينىدا توختىماي فېرمىنانﯽ سېغىنىدۇ، ئۇنﯽ ساقلاپ توي قىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كارىپ دېڭىزﯼ كېمە - تىرانسپورت شىركىتىنىڭ غوجايىنﯽ __ تاغىسىغا يازغان خېتىدە: “مەن ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئۆلۈشىنﯽ ساقلايمەن” دەيدۇ. ئۇ ئاشۇ يىللاردا فېرمىنانىڭ يولدىشىدىن بۇرۇن دۇنيادىن كېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ سالامەتلىكىنﯽ ئاسرايدۇ. ئۇ تاغىسىغا: “سىزگە ئوخشاش باي بولغۇم بار. شۇنداق بولغاندا يۈز - ئابرۇيلۇق بولىمەن. سۆيگەن ئايالغا ئۆزۈمنﯽ ئېتىراپ قىلغۇزۇشۇم كېرەك” دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغىسﯽ ئۇنﯽ شىركەت باشلىقلىرﯼ كومىتېتىنىڭ ئەزاسﯽ قىلىدۇ.
فېرمىنانىڭ يولدىشﯽ ئۇربىنو دۆلەت ئىچىدە توختىماي ھوقۇق تالىشىۋاتقان لىبېرالىستلار ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلگەنىدﯼ. ئۇ خەير - ساخاۋەتكە كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، دىنىي جەمئىيەتكىمۇ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتﯽ. ئۇ 80 ياشقا يېقىنلاپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 20 يىلدىن بۇيان بېقىپ كەلگەن شاتۇتىسﯽ قېچىپ چىقىپ دەرەخكە قونۇۋالىدۇ ۋە “ۋالاقتەگكۈر لىبېرالىستلار ياشىسۇن!” دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىرايدۇ. ئۇربىنو دۆلەت ئىچىدە مۇستەبىتلىك يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرالىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن قورقۇپ، دەرەخكە چىقىپ شاتۇتىنﯽ تۇتماقچﯽ بولىدۇ. ئەمما شۇ جەرياندا شوتىدىن يىقىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ فىلورېنتىنو 51 يىل توققۇز ئاي تۆت كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، فېرمىنانىڭ ئېرﯼ ۋاپات بولىدۇ. شۇ كۈنﯽ فىلورېنتىنو ئۆزﯼ ئارىلاشقان 623 - ئايالنىڭ قوينىدا چېركاۋنىڭ ماتەم قوڭغۇرىقىنﯽ ئاڭلايدۇ. ئۇ مۇھەببەت كۈشەندىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنﯽ ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال فېرمىنانىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ماتەم مۇراسىمﯽ تېخﯽ ئاخىرلاشمىغان ئەھۋالدا ئۇ فېرمىناغا ئۇنﯽ ھېلىھەم سۆيىدىغانلىقىنﯽ، مۇشۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنﯽ 51 يىل توققۇز ئاي تۆت كۈن ساقلىغانلىقىنﯽ ئېيتىدۇ. قاتتىق چۆچۈگەن فېرمىنا ئۇنﯽ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 70 ياشقا كىرگەن بۇ مومايغا توختىماي خەت يازىدۇ. ئۇ خېتىدە: “پەقەت ماددىي دۇنيادىلا ئادەمنىڭ يېشﯽ ھەقىقىي بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ماھىيىتﯽ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنﯽ توسۇپ قالالايدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىزدىكﯽ ھاياتلىق مەڭگۈلۈك، بىزنىڭ قەلبىمىز تېخىچىلا ياش ھەم ياشناپ تۇرىدۇ” دەيدۇ. ئۇ ھەرقانداق تىرىشچانلىقنﯽ كۆرسىتىپ فېرمىنانﯽ قوغلىشىدۇ، فېرمىنانىڭ كونا مۇھەببىتىنﯽ قوزغايدۇ.
بۇ چاغدا فىلورېنتىنو ئائىلىسىنىڭ زور مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلغانىدﯼ. ئۇ فېرمىنانﯽ ئۆز شىركىتىنىڭ پاراخوتىغا چىقىپ بىللە ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. سەپەر جەريانىدىمۇ فىلورېنتىنو كاپىتاندىن قانداق قىلغاندا پاراخوتنﯽ قۇرۇقلۇققا يېقىنلاشتۇرماي، دېڭىزدا توختىماي سەپەر قىلغىلﯽ



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار