مۇھەببەت مېتافىزىكىسى-خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت(2)

يوللانغان ۋاقتى:10-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
فلورېنتىنو ئارىزا ياللانما تېلېگراف خادىمﯽ بولۇپ، ئۇ لورېنسو دازاغا تېلېگرا
فلورېنتىنو ئارىزا ياللانما تېلېگراف خادىمﯽ بولۇپ، ئۇ لورېنسو دازاغا تېلېگرامما توشۇپ بېرىپ ھويلىسىدا ئۇنىڭ قىزىنﯽ ئۇچرىتىدۇ. ئ_ۇلار بىر كۆرۈشۈپلا بىر - بىرىنﯽ ياخشﯽ كۆرۈپ قالىدۇ. ئەمما قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن قىزنىڭ دادىسﯽ بۇ ئىشنﯽ بىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئەسلىدە قىزىنﯽ كېلىپ چىقىشﯽ ياخشﯽ بىرىگە ياتلىق قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق قىزىنﯽ بىر ئېسىلزادە قىلىپ چىقىشنﯽ ئۈمىد قىلاتتﯽ. ئۇ فىلورېنتىنونىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇيىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنﯽ بايقايدۇ. ئۇ قىزىغا “ئۆز ئىستىقبالىنﯽ خاراب قىلماسلىق، مۇھەببەتنىڭ پەقەتلا خىيال” ئىكەنلىكىنﯽ ئېيتىپ نەسىھەت قىلىدۇ. قىزﯼ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايدۇ. قىزىغا گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، لورېنسو فىلورېنتىنوغا قىزىدىن ئايرىلىپ كېتىش ھەققىدە قورالىنﯽ چىقىرىپ تەھدىت سالىدۇ. فىلورېنتىنو يۈرىكىنﯽ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، “مۇشۇ يەرگە قارىتىپ ئات، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈشتىنمۇ شەرەپلىك ئىش يوق” دەپ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازﯼ ئىكەنلىكىنﯽ ئېيتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چۆچۈگەن لورېنسو ئائىلىسىنﯽ ئېلىپ يىراققا كېتىدۇ. فىلورېنتىنو كۆپ يىللارغىچە فېرمىنا بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ. فېرمىنامۇ ئاستا - ئاستا دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە كۆنىدۇ. كېيىن ئۇ ئازابقا تولغان فىلورېنتىنو بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا: “چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدۇم. مەن سېنﯽ ئۇچراتقاندا ئوتتۇرىمىزدىكﯽ ئىشنىڭ پەقەتلا خىيال ئىكەنلىكىنﯽ، كۆزۈمنىڭ تورلىشىپ قالغانلىقىنﯽ بىلدىم، مېنﯽ ئۇنتۇپ كەتكىن” دەيدۇ. شۇ پەيتلەردە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان خۇۋىنال ئۇربىنو پارىژدىكﯽ ئوقۇشىنﯽ تۈگىتىپ قايتىپ كېلىدۇ ۋە خولېرا تارقالغان مەزگىللەردە خولېرا كېسەللىرىنﯽ داۋالاپ شان - شۆھرەت قازىنىدۇ. لورېنسونىڭ نەزەرىدە قىزىغا دوختۇر ئۇربىنودىنمۇ ياخشﯽ لايىق يوق ئىدﯼ. بىر كۈنﯽ فېرمىنا ئاغرىپ قالىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە خولېرامىكىن دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ چاغلاردا دوختۇر ئۇربىنو خولېرا كېسىلىنﯽ داۋالاپ كىشىلەرگە تونۇلغان بولغاچقا، لورېنسو ئۇنﯽ قىزىنىڭ كېسىلىنﯽ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. دوختۇر ئۇربىنو كېلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنﯽ كۆرىدۇ ۋە خولېرا ئەمەسلىكىگە دىياگنوز قويىدۇ. شۇ قېتىم ئۇ فېرمىناغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. ئۇ لورېنسودىن فېرمىناغا ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلىشىنﯽ تەلەپ قىلىدۇ. ئىشلار لورېنسونىڭ كۈتكىنىدەك چىقىدۇ. ئۇ ئۇنىڭ فېرمىناغا ئۆيلىنىش تەلىپىگە دەرھاللا قوشۇلىدۇ. ئۇربىنو ۋە فېرمىنا كاتتا توي قىلىدۇ ۋە ياۋروپاغا شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە ماڭىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ فىلورېنتىنونىڭ دونكىخوتچە تاق يۆنىلىشلىك مۇھەببىتﯽ باشلىنىدۇ.
پۈتۈن مەملىكەتتە خولېرا تارقالغان ئاشۇ مەزگىللەردە فېرمىنانىڭ يولدىشﯽ ئۇربىنو خولېرانﯽ داۋالاش ساھەسىدىكﯽ تۆھپىسﯽ بىلەن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە سىرلىق شەخسكە ئايلىنىپلا قالماي، بەلكﯽ ئۇنىڭ ئايالﯽ، ئات - ئېشەك سودىگىرىنىڭ قىزﯼ فېرمىنامۇ ئېسىلزادىگە ئايلىنىدۇ. فېرمىنا توي قىلغاندىن كېيىن فىلورېنتىنو قاتتىق ئازاب ئىچىدە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنﯽ داۋاملاشتۇرىدۇ. سېغىنىش ئۇنﯽ خاراب قىلغىلﯽ تاس قالىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ھالاكەتلىك مۇھەببەتتىن قۇتۇلۇشىنﯽ ئارزۇ قىلاتتﯽ. فىلورېنتىنونىڭ ئانىسﯽ ئۇنىڭ ئىشق ئوتﯽ دەستىدە سالامەتلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ تاغىسىغا خەت يېزىپ ئوغلىنﯽ ناھايىتﯽ يىراق بىر يەرگە ئەۋەتىۋېتىشىنﯽ تەلەپ قىلىدۇ. تاغىسﯽ ئۇنﯽ شىركەتنىڭ كېمىسىگە سېلىپ يىراققا ئەۋەتىۋېتىدۇ.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار