مۇھەببەت مېتافىزىكىسى-خولىرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت(4)

يوللانغان ۋاقتى:10-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بولىدىغانلىقىنﯽ سورايدۇ. كاپىتان پەقەتلا بىر ئامال بارلىقﯽ، يەنﯽ خولېرا باير
بولىدىغانلىقىنﯽ سورايدۇ. كاپىتان پەقەتلا بىر ئامال بارلىقﯽ، يەنﯽ خولېرا بايرىقﯽ چىقىرىش ئىكەنلىكىنﯽ ئېيتىدۇ. ئەينﯽ ۋاقىتنىڭ ئادىتﯽ بويىچە، خولېرا تارقالغان پاراخوتلاردا خولېرا بايرىقﯽ چىقىرىلاتتﯽ، بۇنداق كېمىلەرنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتﯽ. ئەگەر قىرغاققا يېقىنلاشسا كىشىلەر كېمىنﯽ ئوققا تۇتاتتﯽ. خولېرا تارقالغان كېمىدىكىلەر قىرغاققا چىقالماي ئۆلۈپ تۈگەيتتﯽ. شۇڭا خولېرا بايرىقﯽ چىقىرىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىنﯽ ئۆلۈمگە تۇتۇش بىلەن باراۋەر ئىدﯼ. فىلورېنتىنو كاپىتانغا خولېرا بايرىقﯽ چىقىرىشنﯽ بۇيرۇق قىلىدۇ. كاپىتان خولېرا بايرىقﯽ چىقارغاندىن كېيىن، ئەينﯽ ۋاقىتنىڭ ئادىتﯽ بويىچە پاراخوتنىڭ ھەرقانداق پورتقا يېقىنلىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. فىلورېنتىنو قورقۇنچلۇق بۇ چارە ئارقىلىق فېرمىنا بىلەن دېڭىزدا دەخلىسىز، خالىي شېرىن ئاي ئۆتكۈزمەكچﯽ ئىدﯼ. فىلورېنتىنو ئىككﯽ يىل ئون ئاي يەتتە كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كونا چۈشىنﯽ رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. فېرمىنا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەڭ ئاخىرقﯽ 624 - ئايال بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلىگەن مۇھەببەتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. فىلورېنتىنوغا ئۆزلىرىنىڭ دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقﯽ ئېنىق ئىدﯼ. ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنﯽ مۇھەببەتكە تېگىشىش ھەرگىزمۇ زىيان تارتقانلىق ھېسابلانمايتتﯽ.
“خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت”تە ھەرخىل مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەنلىكﯽ ئۈچۈن، بۇ ئەسەر مۇھەببەت ئېنسىكلوپېدىيەسﯽ دەپ قارالغان. مەسىلەن، بىز ئەسەردە قانۇنغا، ئەخلاققا ۋە دىنغا ئۇيغۇن ۋە خىلاپ ھەر خىل مۇھەببەتلەرنﯽ ئۇچرىتىمىز. قارىماققا گارسىيە دىققىتىنﯽ مۇشۇ مۇھەببەتلەرنىڭ ئورتاق ماھىيىتىگە قاراتقان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسىرىنﯽ يەنە مۇھەببەتنىڭ مېتافىزىكىسﯽ دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكﯽ مېتافىزىكىلىق نۇقتىدىن قارىغاندا، ئوخشىمىغان ئەخلاقىي ۋە دىنىي مەنىدىكﯽ مۇھەببەتلەر ئوخشاشلا مۇھەببەتتۇر، ئۇلار ئوخشاش ماھىيەتكە ئىگىدۇر. فىلورېنتىنونىڭ فېرمىناغا بولغان مۇھەببىتﯽ ئەسلىدە قىز - يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكﯽ ناھايىتﯽ نورمال مۇھەببەت ئىدﯼ. ئەمما فېرمىنا ئۇربىنونىڭ قانۇنلۇق ئايالىغا ئايلانغاندىن كېيىن، فىلورېنتىنونىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتﯽ ئەخلاقسىز، دىنسىز ۋە قانۇنسىز مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. ئەمما مۇشۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتﯽ ئۆزگەرمىگەنىدﯼ. ئەڭ مۇھىمﯽ بۇ مۇھەببەت ماددا، تەن ۋە ئىجتىمائىي ئۆلچەم - نورمىلاردىن ھالقىغانىدﯼ. شۇڭا فلورېنتىنو باشقا ئاياللارنىڭ قوينىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ، فېرمىناغا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنﯽ ئېسىدىن چىقارمايدۇ، ئۇ ھەتتا فىرمىنانىڭ ۋىسالىغا يەتكەندە ئۇنىڭغا “مەن ھېلىھەم پاك” دەپ بىمەنە سۆزلەيدۇ.
فىلورېنتىنو فېرمىناغا ي_ازغ_ان خېتىدە “مۇھەببەت ئالفا ۋە ئومېگا” دەيدۇ. يەنﯽ مۇھەببەت باشلىنىش ھەم ئاخىرلىشىش؛ مۇھەببەت ئۆز - ئۆزىدىن مەقسەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم مەقسەتكە يېتىشتىكﯽ ۋاسىتە ئەمەس. مۇھەببەتنىڭ قىممىتﯽ ئۆز - ئۆزىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭ قىممىتﯽ



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار