يازغۇچىسىغا نىسبەتەن پوپنىڭ رولىنﯽ ئېلىشتىن كۆرە بىر سەنئەتكار بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنﯽ چوڭقۇر چۈشەنگەن. ئۇ بىر قانچە ئالىيجاناب ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتىنﯽ يېزىپ كىتابىنﯽ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىسىمۇ بولاتتﯽ. ئەمما شۇنداق قىلغاندا مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتﯽ ھەققىدىكﯽ بەدىئىي ئىزدىنىشكە ئاساس سالغىلﯽ بولمايتتﯽ. شۇڭا ئۇ قارىماققا ئىنتايىن قارىمۇ قارشﯽ ۋە زىت ھادىسىلەر ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۆزگەرمەس، ماھىيەتلىك تەرەپلەرنﯽ تېپىپ چىقىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. بىز يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكەندەك، “خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت”تە ھەرقانداق مەنىدىن نورمال دېيىشكە بولمايدىغان مۇھەببەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەپلىرﯼ ياكﯽ پەلسەپىۋﯼ تىل بىلەن ئېيتىدىغان بولساق، مۇھەببەتنىڭ ھەر خىل ھادىسىلىرﯼ ئاستىدىكﯽ ئۆزگەرمەس ماھىيىتﯽ تەسۋىرلەنگەن. كۆپ قىسىم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار تەرىپىدىن ھېكايە سۆزلەش پىروزىچىلىقتىكﯽ تۆۋەن ئۈنۈم دەپ قارالغان 20 - ئەسىردە، گارسىيە ماركوز ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ھېكايە سۆزلەشنىڭ ئەڭ يېڭﯽ ئىمكانىيىتىنﯽ يارىتىپ، پىروزىچىلىققا يېڭىدىن جان كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتﯽ “خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت”تە تىپىك نامايان بولغان. ئۇنىڭ ئەسىرﯼ مودېرنىزمچىلار سىغىشالمايدىغان ئىككىلەمچىلىك دەپ قارىغان “ئاممىباب” يېزىقچىلىق بىلەن “ئاۋانگارت” )ياكﯽ “مۇنەۋۋەر”( يېزىقچىلىقتىكﯽ ئارتۇقچىلىقلارنﯽ ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكﯽ نامايەندە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئەسىرىنﯽ “مەڭگۈ ئىستېمال قىلىش” شوئارىنﯽ يېتەكچﯽ قىلغان پوستمودېرنىزم ئىستېمالچىلار دۇنياسىنىڭ كەڭ قارشﯽ ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغان. “خولېرا يىللىرىدىكﯽ مۇھەببەت” رومان سۈپىتىدە ئۇتۇقلۇق چىقىپلا قالماي، بەلكﯽ بۇ رومان ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىممۇ ھوللېۋود تارىخىدىكﯽ ئەڭ ياخشﯽ فىلىملەرنىڭ بىرﯼ بولۇپ قالدﯼ.
|