-
تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز، ۋاقىتقا ئاساسەن سىزنى دەم ئېلىشقا، ناشتا قىلىشقا، ئىشقا مېڭىشقا، چۈشلۈك تاماق يىيىشكە،...... ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئۈنۈمىنى باغۋەن بلوگى دىن كۆرۈڭ.
-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەكشەنبە (سائەت) 0:28:41
بلوگىڭىزدا يۇقۇرقىدەك ئۈنۈمنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇۋېلىڭ.
-
بلوگىڭىزنى ئېچىپ قويۇپ، چايخانىغا كىرمەي تۇرۇپلا، «دىيارىم چايخانىسى» دىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغىڭىز بارمۇ؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ 自定义HTML دىگەن يېرىگە چاپلاڭ.
-
تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ 自定义HTML دىگەن يېرىگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
-
BlogBus تىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تىزىملىكلەر ئۇيغۇرچىلاشقان بولسىمۇ، بىراق «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنىڭ ئاستىدىكى 进入后台 ، 写新日志 ، 文章管理 ، 评论管理 ، 更换模板 ، 访问统计 قاتارلىقلار تېخىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى. شۇنداق بولغاچقا كۆپ قىسىم بلوگگىرلار ۋاقتىنچە بۇ تۈرنى يۇشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. مەن «ئات تاپقىچە ئىشەك مىن» دىگەن تەمسىل بويىچە، «باشقۇرۇش» تىزىملىكى ئۇيغۇرچىلىشىشتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق بلوگ ئارقا سەھنىسىنى باشقۇرۇش مەقسىدىگە يەتتىم.
-
ئېھتىمال، نۇرغۇن تورداشلار بلوگىمدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا xx كۈن قالدى» دىگەن خەتكە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز سىزمۇ ئاشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
-
بىر قىسىم تور بەتلەردە بىر قۇر خەتنىڭ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن چىقىپ سول تەرىپىگە (ياكى سول تەرىپىدىن چىقىپ ئوڭ تەرىپىگە) كىرىپ كېتىۋاتقانلىغا دىققەت قىلغان بولغىتىڭىز. تۆۋەندىكى كود سىزگە دەل مۇشۇنداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ:
-
بۇ تېما 2008-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى.
ھازىر blogbus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، بلوگ يېزىۋاتقانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئارامگاھ ئەپەندى ئۆز بلوگىدا «يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ بلوگگىرلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرچە بلوگلاردا يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ بولالمىغان يەرلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكى كودنى ئاشكارە ئېلان قىلدىم. بۇ كودنى Head ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلگىرىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىسىز. بۇ كود ئارقىلىق ئارامگاھ ئەپەندى يۇقۇرقى تېمىدا كۆرسەتكەندەك، بلوگگىر جاۋاب يازغاندىكى 回复 ۋە 说 دىگەن ئىككى خەتتىن باشقا بارلىق خەتلەر تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدۇ.