-
تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.
-
شېن كو [沈括 1031-ــــ 1095 ] شىمالىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئالىم، ماتېماتىك. تەخەللۇسى سۇن جوڭ، خاڭجۇ چەنتاڭلىق (ھازىرقى جېجياڭ خاڭجۇلۇق). شېن كو ئۆز زامانىسىدا نىڭگو (ھازىرقى ئەنخۇيغا تەۋە جاي) ناھىيىسىدە ئەمەلدار بولغان چاغلاردا توسما ئېتىزلارنى ياساپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ خانى شېنزوڭ زامانىسىدا ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يېڭى قانۇننى باشتىن ئاخىر قوللىغان. ئۇ خانلىق رەسەتخانا نازارەتچىسى، باش مىرزا، ئۈچ مەھكىمە باشلىقى بولغان.
-
دېكارت [笛卡儿 Rene Descartes مىلادى 1596-يىلىدىن 1650-يىلىغىچە ياشىغان] فرانسىيە پەيلاسوپى، فىزىكى، ماتېماتىكى، ئانالىتىك گېئومېترىيىنىڭ ئىجاتچىسى. دېكارتنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مېتودولوگىيە»، «مېتافىزىكىلىق خىياللار»، «پەلسەپە پرىنسىپلىرى»..... قاتارلىقلار بار. «مېتودولوگىيە» نىڭ ئاخىرىغا «سۇنغان نۇرلار»، «ئاقار يۇلتۇزلار ھەققىدە»، «گېئومېترىيە» دىگەن ئۈچ پارچە قوشۇمچە قىلىنغان. «گېئومېترىيە» قىسمىدا ھەركەتتىكى بىر نۇقتىنىڭ كوردىناتى چۈشەنچىسى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلۇپ، ئانالىتىك گېئومېترىيە ئىجات قىلىنغان.
-
دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.
-
مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:
-
ھەرقانداق چوڭ سان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 4 تىن چوڭ بارلىق جۈپ سانلارنى ئىككى تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە، 7 دىن چوڭ بارلىق تاق سانلارنى ئۈچ تاق تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى شەكلىدە يازغىلى بولىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر «گولدباخ قىياسى» دۇر.
-
ماتېماتىكا رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە چوڭ- كىچىكلىكنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سان چۈشەنچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كونكىرىت مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ماددىلاردىن بەزى ئاددىي گېئومېترىك شەكىل ۋە جىسىم ئۇقۇملىرى بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا بەزى ماتېماتىكىلىق بىلىملەر توپلانغان. XVI ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفمېتىكا، ئېلېمېنتار ئالگېبرا، ئېلېمېنتار گېئومېترىيە ۋە ترىگونومېترىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېمېنتار ماتېماتىكا ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتى. XVII ئەسىردە ئىشلەپچىقىرىش ..............
-
ئەيلېر [欧拉 Leonhard Euler 1703-1783 ] شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. ۋارىئاتسىيىگە ئاساس سالغۇچى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسىنىڭ پىشىۋاسى، نەزەرىيىۋى گىدرومېخانىكىنىڭ ئىجاتچىسى. ئەيلېر بېرنۇللىلار ئائىلىسىدە بىلىم ئالغان. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۇنىڭ نامى ئاتالمايدىغان ماتېماتىكىنىڭ بىرەرمۇ ساھەسى يوق. مەسىلەن، ئېلېمېنتار گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر سىزىقى، كۆپ ياقلىقلاردىكى ئەيلېر تېئورېمىسى، بوشلۇقتىكى ئانالىتىك گېئومېترىيىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمۇلىسى، تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ سانلار نەزەرىيىسىدىكى ............
-
2. رەقەم ۋە ئۇنىڭ يېزىلىشى
رەقەمنىڭ قايسى ۋاقىتتا كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ھىچ كىم بىلمەيدۇ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى: ئالدى بىلەن سان ئاتالغۇلىرى پەيدا بولۇپ، ئاندىن رەقەم كەشىپ قىلىنغان، كىشىلەر بەزى بەلگىلەر ئارقىلىق تىلنى ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىغان چاغدىلا ئاندىن رەقەم پەيدا بولغان. بۇندىن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى «ئىراق» دەپ ئاتىلىدىغان يەردە، بىرى ئېفرات دەرياسى، يەنە بىرى دەجلە (تىگېر) دەرياسى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەريا بار ئىدى. بۇ ئىككى دەريانىڭ دېڭىزغا قويۇلىدىغان يېرىدە سۇمېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەدىمىي ماكان بار ئىدى. سۇمېرلار ئالدى بىلەن رەقەملەرنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مىللەتلەر، مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار، مىسىرلىقلارمۇ رەقەم يېزىشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تاپقان. بۇ ئۇسۇللار كېيىنچە پەيدىن- پەي پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. -
لېكىن سانى ئوندىن ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. سىز يەردىكى يا ئوقلىرىنى بىر تەرەپتىن ئېلىپ، بىر تەرەپتىن سانىسىڭىز ئونغا كەلگەندە نەچچە تال ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمدى قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر يەنە داۋاملىق يېڭى سانلارنى تۈزۈۋەرسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بىراق بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئوندىن ئىبارەت بۇ ئوخشاش بولمىغان رەقەملەرنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئاسان.
-
ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى كىشىلەر دائىم «بۇ قانچە» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىشاتتى. بۇ تۇرمۇشتا رەقەمنىڭ (ساننىڭ) ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
سىز بەلكىم قويلىرىڭىزنىڭ يوقالغان- يوقالمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ساناپ باقماقچى بولغانسىز ياكى مەلۇم بىر ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن قانچە كۈن ئۆتكەنلىكىنى ھېسابلاپ باقماقچى بولغانسىز ۋە ياكى سىز تۇرىۋاتقان يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ نەچچىلىكىنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولغانسىز.
-
ھېساب دەستۇرىغا ئائىت 10 كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتاب جەمئىي 3 توم بولۇپ، ئۇنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان جاڭ چيۇجيەن يازغان. ھازىرغىچە ساقلانغان نۇسقىسى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ياغاچ ئويمىدىن بېسىلغان. 2-تومنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە بېتى، 3-تومنىڭ باشتىكى 2 بېتى يوق. ھازىر 92 مەسىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى............
-
خۇا لوگېڭ 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى جىنتەن (金坛) ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى كىچىك چەرچىن مال دۇكىنى ئاچاتتى. ئائىلىسى نامرات ئىدى.
1924-يىلى خۇا لوگېڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شاڭخەي جوڭخۇا كەسپى مەكتىۋى (上海中华职业学校) گە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوقۇش خىراجىتى تاپشۇرالمىغىنى ...... -
ھېسابلاش دەستۇرىغا ئائىت 10 كىتابنىڭ بىرى. مەملىكىتىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ماتېماتىكىغا ئائىت ئەڭ قەدىمقى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ كىتابتا ئالدىنقى چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى شەرقىي خەن سۇلالىسىغىچە بولغان ماتېماتىكىلىق نەتىجىلەر سېستىمىلىق ھالدا يەكۈنلەنگەن، كۆپ قېتىم تولۇقلانغان، بولۇپمۇ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر تولۇقلىغان. مىلادى 1-ئەسىرگە كەلگەندە، ھازىرقى تارقىلىپ يۈرگەن مەزمۇنلار بۇ كىتابتا بار ئىدى. بۇ كىتاب جەمئىي 9 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-بابتا، ئاددىي كەسىرلەر...........