بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاياللارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقوق مەنپەئەتى قانۇننىڭ قانداق قوغدىلىشىغا ئىرىشىدۇ؟

    جاۋاپ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ، ئاياللارنىڭ شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنغان ئىش تۈرى ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن باشقىلىرىدا، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى قۇبۇل قىلش شەرتىنى ئۆستۈرۋېلىشىغا بولمايدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلغاندا قانۇن بىلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئايال ئىشچى خىزمەتچى بىلەن  ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزىشى، ھەمدە تۈزگەن توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىش، تۇغۇشىنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇن بولماسلىغى لازىم. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توي قىلىش، ھامىلدار بۇلۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئىمىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھانە قىلىپ، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ، ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ پىسىيەگە چىقىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلغاندا ، جىنىسنى باھانە قىلىپ ئاياللارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  • ئەمگەك توختام قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇلغان ياكى بېكارقىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ياكى بېكارقىلىدىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققنى بىرلا قېتىمدا چىقىم قىلىشى لازىم.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بەرگەن ئىش ھەققى شۇجايدىكى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بۇلۇپ قالماسلىقى لازىم.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە بېرىشى؛ ئەمگەكچى مەلۇم سەۋەپتىن ئىش ھەققىنى ئالالمىسا،تۇغقىنىغا ياكى باشقا ئادەمگە ۋاكالىتەن ئېلىشنى ھاۋالەقىلسا بۇلۇدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى بانكىغا ھاۋالە قىلىپ تارقاتسىمۇ بۇلۇدۇ.