-
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭىچە داۋالىنىش ئىسلاھاتىدا 2011 – يىللىق ئاساسىي خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق تولۇقلىمىسىنى 200 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقى؛ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شۇ جايدىكى داۋالىنىش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ، داۋالىنىش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
-
ئاقسۇ ۋىلايىتىى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لەر نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ۋە ئوتتۇرچە ئىش ھەققى جەدىۋىلى - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]
2010/10/28
بۇ جەدىۋەلدە، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 1995- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە بولغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە ( شەھەر) لەر نىڭ 1995- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى خاتىرلەنگەن.