بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • شىتات سىرتىدىكى خادىملارنىڭ پىنسىيىگە چىقىش شەرتىلىرى - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]

    2011/04/01

    شىتات سىرتىدىكى خادىملارنىڭ پىنسىيىگە چىقىش شەرتىلىرى

     بۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇردىغان خادىملارغا قاتىلغان.

    1. نور مال پىسىيىگە چىقىش شەرتى:

    ئۇلاپ تۆلىگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا يىل سانى ئەڭ ئاز بولغاندا 15 يىل بۇلىشى لازىم، ئەرلەرنىڭ يېشى 60 ياش، ئاياللارنىڭ 50 ياش، ئايال كادىرلارنىڭ 55 ياش بۇلىشى لازىم. 1993- يىلىدىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقانلارنىڭ رەسمىي ئىشچىلىق شىتاتى بولسا، رەسمىيلەشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سىتاژى ھىسابلىنىدۇ، بۇ بۇھەم پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىنكى كۈتۈنۈش پۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ چۇقۇم ئارخپى بۇلىشى كېرەك.

    2. كېسەل پىنسىيىگە چىقىش شەرىتلىرى.

    ئۇلاپ تۆلىگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا يىل سانى ئەڭ ئاز بولغاندا 15 يىل بۇلىشى لازىم، ئەرلەرنىڭ يېشى 50 ياش، ئاياللارنىڭ 45 ياش ياش بۇلىشى ، كېسىلى بۇلۇپ تۇلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان بۇلىشى شەرىت، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كۆمتىتى باھالاپ يەكۈن چىقىرىدۇ.  بۇلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى نورمال پىنسىيىگە چىقىشقا كام قالغان ھەر بىر يىلىغا 2% دىن كېمىيىپ بارىدۇ. ئەگەر يېشى يۇقارقى ياش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسا، خىزمەتتىن چىكىندۈرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى 40% بويىچە ھىسابلىنىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ