بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاپتونوم رايون ئەمگەك توختامىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى تۈزدى - [ئۇچۇرلار]

    2011/05/30

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك توختامىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك ماجرالىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمگەك توختامىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش يېتەكچى پىكرى››نى تۈزگەن.

     

    «پىكىر›› دە مۇنداق بەلگىلەندى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچى ئىشلەتكەندە ئەمگەكچى ئىشقا چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئىشقا چۈشكەن كۈنى ياكى ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە چوقۇم يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئىشقا چۈشۈپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىمۇ يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا چۈشكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ يازما توختام ئىمزالىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە ئەمگەكچىلەرگە ئاي بويىچە ھېسابلاپ، ھەر ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئىش ھەققى بېرىش، بىر ئايغا توشمىغان بولسا ئىش ھەققىنى كۈن بويىچە ھېسابلاپ بېرىش ھەم ئەمگەكچىلەر بىلەن يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈش كېرەك؛ ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، ئەمگەكچى ئىشلەپ بىر يىل توشقان كۈنى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا قەرەلسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈلدى، دەپ قارىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن دەرھال يازما قەرەلسىز ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى ھەم ئەمگەكچى ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ بىر يىل توشقان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە ئەمگەكچىگە ئاي بويىچە ئىككى ھەسسە ئىش ھەققى بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئەمگەكچى قەرەللىك ئەمگەك توختامى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن قەرەللىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.

     

      ‹‹پىكىر››دە يەنە، ئەمگەك توختام مۇددىتى ئەمگەكچى ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىمۇ ئەمگەك توختام مۇددىتى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

     

      ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندا، ئىككى تەرەپ ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت مەزمۇنى، خىزمەت شارائىتى، خىزمەت ئورنى، ئىش ھەققى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ئىش ھەققى سوممىسى كونكرېت، ئېنىق بولۇشى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك ئىش ھەققى نىزامىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

     

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىردەك كېلىشەلىسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ.

     

    مەنبە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ