بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاتا-ئاناڭلارنى پىنسىيىگە چىقىرىپ قۇيۇڭلار - [ئۇچۇرلار]

    2011/06/07

    ئاتا-ئاناڭلارنى پىنسىيىگە چىقىرىپ قۇيۇڭلار

     

    ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 98- نۇمۇرلۇق ھۆجىتىنىڭ روھى بويىچە رايۇنىمىزدىكى شەھەر-بازار سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللىكىتپ كارخانللىرىنىڭ پىنسىيە يېشىغا توشقان خادىملىرى سۇغۇرتا پۇلىنى تۇلۇقلاپ تۆلەپ پىنسىيە چىقسا بولىدۇ.

    1-كونكىرىتنى تەلەپ تۆۋەندىكىچە:

    1. شىنجاڭ شەھەر- بازار نۇپۇسىدىكى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان 5-7 ئىشچىللىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرغاندىن كىيىن، شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىللىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا دائىرسىگە كىرگۈزۈشكە بۇلىدۇ.

    2. 1996- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن، شەھەر- بازارلاردىكى ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەمدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى خىزمەت قىلغان بولسا.

    3. 2009- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن، ئەرلەر 60 ياش، ئاياللار 55 ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىدىن يۇقىرى بولسا.

    4. يۇقارقى خادىملارنى بۇدائىرگە كىرگۈزگەندە، يۇقارقى شەرىتلەردىن باشقا، تۇغۇلغان ۋاقتىنى بېكىتشتە كىملىكى بىلەن ئارخىپىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

    2- تەمىنلەيدىغان ماتىرياللار:

    1.جەدىۋەل ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۇغۇرتىغا قانتناشمىغان كوللىكتىپ كارخانىللىرىدىن پىنسىيگە چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرسىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلاش جەدىۋىلى).

    2. بىر سۇڭلۇق 5 پارچە رەسىم، كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپىيىتمە نۇسخىسى.

    3. نۇپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخۇسى ۋە كۆپىيىتمە نۇسخىسى.

    4. بىرەر ئورۇندا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئىشلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلار، مەسىلەن: ئارخىپ، مائاش جەدىۋىلى، ئەمگەك توختامى، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخر لاشتۇرۇش ياكى بىكارقىلغانلىق ئىسپاتى، ئىدار تارقاتقان ھەرخىل كېنىشكە ۋە تەغدىرلەش گۇۋاھنامىللىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى يۇقارقىلارنىڭ قايسىسى بولسا بۇلىدۇ.

    3-سۇغۇرتا پۇلىنى تۇلۇقلاش ئۆلچىمى:

    55-60 ياشتىكىلەر 33500 يۇەن

    61 ياشتىكىلەر 31900يۇەن

    62 ياشتىكىلەر 30300يۇەن

    63 ياشتىكىلەر 28700 يۇەن

    64 ياشتىكىلەر 27100 يۇەن

    65ياشتىكىلەر 25500 يۇەن

    66 ياشتىكىلەر 23900 يۇەن

    67 ياشتىكىلەر 22300 يۇەن

    68 ياشتىكىلەر 20700 يۇەن

    69 ياشتىكىلەر 19100 يۇەن

    70 ياشتىكىلەر 17500 يۇەن

    71 ياشتىكىلەر 15900 يۇەن

    72 ياشتىكىلەر 14300 يۇەن

    73 ياشتىكىلەر 12700 يۇەن

    74 ياشتىكىلەر 11100 يۇەن

    75- 79 ياشتىكىلەر9500 يۇەن

    80 ياشتىن يۇقىرىلار 9500 يۇەن

    ھەر چوڭايغان بىرياشقا 1600يۇەن ئاز تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

    4- ئىش ھەققى تەمىناتى

    55-69 ياشتىكىلەرنىڭ  400 يۇەن ياشانغاندا كۈتۈش پۇلى، 120 يۇەن ئىسسىنىش پۇلى، 70 ياشتىن يۇقىرىلارغا 70 يۇەن قۇشۇلىدۇ (470+120) 590 يۇەن،80 ياشتىن يۇقىرىلارغا (400+ 105+120) يۇەن، بۇ پۇل ھەم يىلمۇ يىل يۇقىرلاپ بارىدۇ، خەجلەپ بۇلالماي ئۈلۈپ كەتسە ئېشىپ قالغان قىسى ۋارىسلىرىغا قايتۇرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرىت 20 ئايلىق دەپنە خىراجىتى، ئايلىق ئاپتۇنۇم رايۇن ئىشچى خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنى ئۆلچەم قىلىپ ئككى ئايلىق تۆلەم پۇلى تارقىتىلىدۇ.

     بۇ تۆلىگەن پۇل تۈگەپ كەتسە ھۆكۈمەت داۋاملىق باقىدۇ ،تەمىنات ئۆزگەر مەيدۇ،  بۇ سىياسەت 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن قايتا تەستىقلانمايدۇ.

    كۆپچىلىك دەرھال ئاتا- ئاناڭلارنى قاتناشتۇرۇپ قۇيۇڭلار.

    چۈشەنمىگەن مەسىللەر بولسا بىلوگىمدىن ئىزدىسەڭلار ياكى خەت قالدۇرساڭلار بۇلىدۇ.

     

    مەنبە : ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ