بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • شەھەردە ئىشقائورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدايدۇ؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2010/06/07

    شەھەردە ئىشقائورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدايدۇ؟

    1.         ئەمگەك توختامى ئىمزالاش كېرەك

    ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىمزالايدىغان كىلىشىم، ئۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئايدېڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدىكى مۇھىم يازمىچە ئىسپات بۇلالايدۇ.

    ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق – مەنپەتىئىنى قوغدايدىغان ئاساس. شەھەردە ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغانلار ئىش تاپقان ھامان ئاۋۋال ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ياكى خوجايىن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى ، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇنى ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى ، ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ئادىرىسى ۋە كىملىكى ياكى باشقا ئۈنۈملۈك كىملىك نۇمىرى.

    ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى.

    خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى.

    خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش رۇخسىتى.

    ئەمگەك ھەققى .

    ئىجتىمائى سۇغۇرتا.

    ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

    قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك باشقا ئىشلار.

    ئۈنۈمسىز ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ قېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم. قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ ئەمگەك توختامىغا ئالداش،مەجبۇرلاش ۋاستىللىرى ياكى كىشىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن جىددىي پەيىتتىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىك قىلىش ۋاستىللىرى يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ، قارش تەرەپتىن ئەمەلىي مەزمۇنىنى يۇشۇرغان ئەھۋالى ئىمزالىنىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتىغا ئائىت مەمۇنىلارنى چىقىرۋېتىپ ، ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇقنى يازمايدۇ. بۇنداق ئەمگەك توختامى ئۈنۈمسىز ئەمگەك توختامى ھىسابلىنىدۇ. توختامنىڭ ئۈنۈمسىز ياكى ئۈنۈملۈكلىكىنى ئەمگەك ماجرالىرى كىسىم قىلىش ھەيئىتى ياكى خەلىق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

    ئەسكەرتىش: ئەمگەك توختامىدا سىىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى كىلىشىپ بېكىتىشكە بۇلۇدۇ، بىراق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ،سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىدىكى مۇددەتنىڭ ئىچىدە بۇلۇدۇ.

    2.ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بىكار قىلىشنىڭ شەرتى بۇلۇش

    ئەگەر ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا ئەمگەك توختامىنى ئاخرلاشتۇرۇش ۋە بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بۇلۇدۇ.

    ئەمگەك توختامىنى ئاخرلاشتۇرۇشتىكى ئەھۋال مۇنداق ئىككى خىل بۇلۇدۇ: بىرى، ئەمگەك توختامىدىكى مۇددەت توشقان بولسا ؛ يەنەبىرى ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى ياكى تاقىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلىغان بولسا.

    «ئەمگەك قانۇنى»، «ئەمگەك توختام قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ئەمگەك توختامىنىى بېكار قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلەنگەن ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك.

    ئەمگەكچىنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق- مەنپىئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكارقىلماسلىقى كېرەك:

    كەسىپ كېسىلىنىڭ زىيىنى بار مەشغۇلات بىلە ن شۇغۇللىنىپ ئىشتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۇرۇتمىگەن بولسا ياكى كەسىپ كېسىلى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ دئېاگىنوز قۇيۇش، كۈزۇتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولسا.

    كېسەل بۇلۇپ ياكى يارلىنىپ ، داۋالىنىش مەزگلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا.

    ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھامىلدارلىق ، تۇغۇت ، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا .

    شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 15يىلغا تۇشۇپ ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيىگە چىقىش يېشىغا 5 يىلدىن ئازۋاقىت قالغان بولسا.

    قانۇن نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

    ئەسكەرتىش : ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكارقىلغاندا يازمىچە ئىسپات چىقىرىپ بىرىشى كېرەك.

    3.       ئىش ھەققى چىقىم قىلىش شەكلى قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇلۇش

    ئىش ھەققى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىللىرىگە ياكى ئەمگەك توختامىدا كېلىشكىنىگە ئاساسەن، پۇل شەكلىدە ئەمگەكچىگە بىۋاستە چىقىم قىلىپ بېرىلىدىغان ئەمگەك ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئىش ھەققى چۇقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ( يەنى خەلىق پۇلى ) شەكلىدە چىقىم قىلىنىدۇ، نەرسە ياكى قىممەتلىك ئاكسىيىسىنى پۇل ئورنىدا چىقىم قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.

    ئىش ھەققى چۇقۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېلىشىكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى، ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم بېرىلىشى لازىم. ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى چىقىم قىلىنىدۇ.

    ئەمگەك توختام قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇلغان ياكى بېكارقىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ياكى بېكارقىلىدىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققنى بىرلا قېتىمدا چىقىم قىلىشى لازىم.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بەرگەن ئىش ھەققى شۇجايدىكى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بۇلۇپ قالماسلىقى لازىم.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە بېرىشى؛ ئەمگەكچى مەلۇم سەۋەپتىن ئىش ھەققىنى ئالالمىسا،تۇغقىنىغا ياكى باشقا ئادەمگە ۋاكالىتەن ئېلىشنى ھاۋالەقىلسا بۇلۇدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى بانكىغا ھاۋالە قىلىپ تارقاتسىمۇ بۇلۇدۇ.

    ئەسكەرتىش: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققى چىقىم قىلغاندا ئەمگەكچىگە بىر نۇسخا ئىش ھەققى قەغىزى بېرىشى كېرەك.

    4. ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەكېچىكتۈرۈش  قانۇنغا خىلاپ

    «ئەمگەك قانۇنى»،«ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشى ياكى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .

    دۆلىتىمىز ئەمگەك – كاپالەت قاتارلىق تارماقلاردىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى چىقىم قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كىچىكتۈرشىگە بولغان جازا سالمىقىنى زورايتىپ، نىسى قالغان ئىش ھەققىنى تۇلۇقلاپ تارقىتىشقا ياكى ئىش ھەققىنىڭ 50%دىن 100%گىچە باراۋەر كىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى قۇشۇپ تارقىتىشقا بۇيرۇپ، ھېساپ ئاچقان بانكىدا ئالدىن ئىش ھەققى ئامانەت پۇلى قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى.

    ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان ياكى كېچىكتۈرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەھۋالى ئېغىرلىرىنى قانۇن بويىچە تىجارەتتىن توختاپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇپ، ھەتتا تىجارەت كېنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالاقىدا خادىملارنى قدنۇن بويىچە جازالاش لازىم.

    ئەسكەرتىش: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققنى تۇتۇپ قېلىشى ۋە كېچىكتۈرشىدەك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھۇقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئەمگەكچى شۇجايدىكى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىيىتى تارمىقىغا پاش قىلسا ياكى قانۇن بويىچە شۇجايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقىم قىلىش بۇيرىقى چىقىرىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

    5. سېمىنا قۇشۇپ ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى ئېلىشتا قانۇنىي ئاساس بۇلۇش كېرەك

    «ئەمگەك قانۇنى» ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز ئەمگەكچىلەرگە قارىتا كۈنىگە 8 سائەت، ھەپتىسىگە 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان  ئۆلچەملىك ئىش تۈزىمى قوللىنىلغان بۇلۇپ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئورۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر  بىلەن كىلىشىپ، ئىش ۋاقتىنى مۇۋافىق ئۇزارىتسا بۇلىدۇ، لىكىن ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى 3 سائەتتىن ئېشىپ كىتىشكە بولمايدۇ. ئىدارە ئورۇنلار ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتىغا قارتا چۇقۇم تۇلۇقلاپ ئارام بىرىدۇ، تەڭشەشكە مۇمكىن بولمىغاندا، ئادەتتىكى ۋاقىتتا قارتا  ئىش ھەققىنىىڭ   150% بويىچە ، شەنبە – يەكشەنبە بولسا 200% بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئارام كۈنلىرى بولسا 300% بويىچە تۇلۇقلىما ئىش ھەققى بىېرىشى كېرەك.

     

    分享到:

1056551709QQ