-
ئەمگەك توختام مەسلىسى ھەققىدە - [ئەمگەك كىسىم]
2010/06/18
ئەمگەك توختام مەسلىسى ھەققىدە2010– يىل6– ئاينىڭ3– كۈنى13:24تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىئايالىم يېزىلىق دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق سېستىرا بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 6 يىل بولغان . دوختۇرخانا ھىلىغچە ئۇلار بىلەن توختام تۈزمىگەن ھەم ئۇلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغان ئىدى . 2010–يىلغا كەلگەندە دوختۇرخانا ئۆز ئالدىغا تۈزگەن بىر توختامغا ئۇلارنى ئىمزا قويدۇرۇپتۇ . قىسقىچە مەزمۇنى : توختام 1يىل كۈچكە ئىگە ، دوختۇرخانا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان دوختۇر–سېستىرالارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمايدۇ. ناۋادا ئۇلار ئۆزى قاتناشسا رەھبەرلىك تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىدۇ . ئىش ئورنىدا يارىلانغانلارغا دوختۇرخانا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىدۇ . ئىككى يىلغىچە ئىش ئورنى لاياقەتنامىسى ئالالمىغانلارنى ئشلەتمەيمىز ، دىيىلگەن . ئايالىم دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان بولسىمۇ ئىزچىل 6 يىل سىستىرا خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگەن . ناۋادا ئايالىم دوختۇرلۇق ياكى سىستىرالىق كەسپىدىن لاياقەتنامە ئالالمىسا دوختۇرخانىنىڭ ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىشى توغرىمۇ ؟ ئۇلارنىڭ 6 يىل ئىشلىگىنى قانداق ھېسابلىندۇ؟
جاۋاب : توختامدا سىز دېگەندەك ئىش ئورنى لاياقەتنامىسى ئالالمىسا توختام ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپسىز، بۇ ئورۇنلۇق تەلەپ . 6 يىل ئىشلىگىنىگە كەلسەك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغان . قانۇن تەرتىپ ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ .
قانۇندىن مەسلىھەت بەرگۈچى : شىنجاڭ قوش تىل ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن : ئەھمەد ئابدۇرېھىم قەندىل
( مۇھەررىر : لالە )مىنىڭچە يۇقارقى جاۋاپ قانائەتلىنەرلىك ئەمەس ،ئەھۋال ھەقىقەتەن يۇقارقىدەك بولسا ، ئورۇننىڭ ئىشتىن بوشىتىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ، بىراق ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققى تۆلەپ بەرمەسلىكى توغرا بولمىغان، شۇسەۋەبتىن، ئورۇن شۇ ئىشچىنىڭ ئىشلىگەن ئېيىغا قارتا ئورۇن تۆلەشكە تىگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرىشى ھەم قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق ئاداقىلمىغانلىقتىن ئىشلىگەن ھەربىر يىلىغا قارتا بىر ئايلىق مائاشىنى تۇلۇقلىما قىلىپ بېرىشى كېرەك.ۋۇلقاندىن历史上的今天:


















