بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش كېرەك - [ئۇچۇرلار]

    2009/06/18

    ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش كېرەك
     
    2009– يىل5– ئاينىڭ25– كۈنى 09:42 شىنجاڭ گېزىتى
     

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ،23- ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 22 - ماي چۈشتىن كېيىن 13 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، ئۆگىنىشكە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەڭ دائىرىدە قاپلاش، ئاساسەن كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ئاساس، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالاش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇھىم نۇقتا، خەيرىيەت ئىشلىرى، سودا سۇغۇرتىسىنى تولۇقلىما قىلىپ، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەم ماس ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆگىنىش مەزمۇنى دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ خوڭ، جۇڭگو ئەمگەك كاپالىتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې پىڭ يۇقىرىقى مەسىلە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ لېكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

       خۇ جىنتاۋ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت _ خەلقنىڭ بەختى ۋە ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدا، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت، ئېشىشنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە يۈكسەلدۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەممە كىشىنى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇشنى ئالدىن ئويلىشىدىغان نىشان قىلىپ، ئۈنۈم بىلەن باراۋەرلىكنى، بىردەكلىك بىلەن جانلىقلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، نەزەرنى يىراققا سېلىپ، شەھەر - يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە لايىھىلەپ، قەدەم - باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، يانداشما تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، مادارغا قاراپ ئىش قىلىپ، خادىملارنىئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، شەھەر - يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالاش - پاناھلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ھازىر بار ھەر خىل كاپالەت تۈزۈمىگە ئائىت سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ ئاجىز ھالقىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمى ئاز، يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش چارىسىنى بېكىتىپ يولغا قويۇش، تاقالغان، ۋەيران بولغان ياكى قىيىنچىلىقى بار كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى بىلەن داۋالاش - پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىز قالغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، يېزىلارنىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈش، داۋالاش - پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق تەمىناتىنىڭ سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەكتەپلەردىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ستۇدېتنلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش بىلەن سىياسەتلەرنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھەر خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمىتى باشقۇرۇش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ھەر قايسى تەرەپنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، جامائەت مالىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى سېلىنمىنى كۈپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر، بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە زورايتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارنى بېكىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ مەجبۇرلاشچانلىقى، ئۆلچەملىك بولۇشى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى مۇھىم قارالمىلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، بىر تۇتاش پىلانلىشى- ماسلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئىجتىمائىي كاپالەت نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كوللېكتىۋىزملىق روھى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا ئورتاق قاتنىشىدىغان، خەلق ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

    ( مۇھەررىر : لالە )
    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ