-
ئىككى مىنىستىرلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2009/06/18
ئىككى مىنىستىرلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى2009– يىل5– ئاينىڭ21– كۈنى 10:55 شىنجاڭ گېزىتىشىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – ماي تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 17 – ماي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، بۇ خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاجرىتىلغان تولۇقلىمىنىڭ نەق جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جايلار يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئايرىم ھالدا ئەمەلىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، بۇ خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرى، يېزىلارغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە تەربىيىلەش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىش ئورنى تەلىپى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەش ئارزۇسى بار يېزىلىق تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى تېخنىكوملاردا 6 – ئايدىن 12 – ئايغىچە تەربىيىلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ھەم ئىگىلىك تىكلەشتە مۇئەييەن شارائىت ھازىرلىغان يېزا ئەمگەكچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلىنىدۇ.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نىشانلىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، رەھبەرلىك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە نىشانلىق باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشى تەشكىلەش كېرەك.
( مۇھەررىر : قـەيسەر )
