-
شەھەردە ئىشلەۋاتقان يېزا نۇپۇسىدىكى خادىملار بىر يۇەنلىك سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ - [ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/06/18
شەھەردە ئىشلەۋاتقان يېزا نۇپۇسىدىكى خادىملار بىر يۇەنلىك سۇغۇرتىغا قاتناشسا بۇلىدۇ
يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىھمان ساراي، تاماقخانا، سودا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار دا ئىشلەۋاتقان يېزا نۇپۇسىدىكى خادىملارغا قارتا، بىر يۇەنلىك ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى، ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى بويىچە، يۇقارقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان يېزا نۇپىسىدىكى خادىملارنى، بىر يۇەنلىك ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسا قاتناشتۇرسا بولىدۇ، بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كىيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى خىزمەتكە بېرىپ كىلىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىگە ئۇچۇرىسا، خىزمەت جەريانىدا خىزمەت سەۋەبى بىلەن يارلانسا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك تارماقلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىپ قويسا، شۇخىزمەتچىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، مېيىپلىق ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ، بۇچىقىملارنى ھۇكۇمەت تارماقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق بۇ سۇغۇرتىغا مىھمان ساراي، تاماقخانا، سودا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار دا ئىشلەۋاتقان يېزا نۇپۇسىدىكى خادىملارنى قاتناشتۇرۇش بىلەن چەكلەنگەن بۇلۇپ، باشقا كەسىپتىكى كارخانلار ۋە شەھەر نۇپۇسىدىكىلەر قاتنىشالمايدۇ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتنى ئورۇن تۇرۇشلۇق ئەمگەك تارماقلىرىغا تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ بېرىپ ،ھەربىر ئادەمگە بىر پارچە جەدىۋەل تولدۇرۇپ، بىر پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىم، كىملىكنىڭ كۆپىيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىرپارچە تاپشۇرىدۇ، بۇسۇغۇرتىغا بىريىللىق سۇغۇرتا ھەققى بىر قېتىمدىلا ئېلىندىغان بۇلۇپ ھەر بىر ئادەمنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 12 يۇەن بۇلىدۇ. بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئورۇن تاپشۇرىدۇ، ئىشچى خىزمەتچىلەردىن تۇتۇشقا بولمايدۇ.
كەڭ تىز تاماقخانا، مىھمان ساراي، تاللا بازىرى،سودا قاتارلىق مۇلازىمەت كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ بىر ياخشى سىياسەت قاتنىشىپ قويساڭلار زىيان تارىتمايسىلەر، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇپ قالالايسىلەر، بۇ ھېچقانچە پۇل ئەمەس، بۇ بىر ھۇكۇمەتنىڭ پاراۋانلىق سىياسىتى خالاس.

评论