بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • 100 مىليون دېھقان ئىشلەمچنىڭ 80% توي قىلمىغان - [ئۇچۇرلار]

    2010/06/25

    100 مىليون دېھقان ئىشلەمچنىڭ 80% توي قىلمىغان
     (خەلىق گېزىتى)نىڭ 6-ئاينىڭ 22- كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، 6-ئاينىڭ 21- كۈنى <يېڭى دەۋىردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكىلات> نى ئېلان قىلدى، دوكىلاتتا يېڭى دەۋىر دىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر تەخمىينەن100 مىليون ئەتىراپىدا بۇلۇپ، بۇلارنىڭ 80% گە يېقىنى تېخى توي قىلمىغان. دوكىلاتتا يېڭى دەۋىر دىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر دۇچ كىلىۋاتقان ئالتە تۈرلۈك مەسىلەئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ مائاش- ئىش ھەققى سەۋيىسى نىسبەتەن تۆۋەن، ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى ئۆي باھاسى يۇقىرى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆرسىتىۋاتقان تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق ، مائارىپ سەۋيىسىسى ۋە كەسپىي تېخنىك سەۋيىسى شەھەر ئەمگەك كۈچلىرى تەلىپىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشغا تەسىې كۆرسىتىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە، نۇپۇس جەھەتتىكى توسقۇنلۇقنىڭ، كۈچۈپ يۈرۈپ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلەش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئاساس قىلغان ئاممىۋىي تەلەپنىڭ تەستە قاندۇرلۇشى، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشغا تەسىې كۆرسىتىۋاتقان ئەمىلىي  جىددىي  مەسىلە، كەسىپ تاللاشتىكى يىتەرسىزلىك، كەسپىي پىلاندىكى يىتەرسىزلىك، ئۆگىنىش ۋە تەربىيلەشنىڭ يىتەرسىزلىكى بولسا، كەسپىي ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىل، مەنىۋى ۋە ھېسيات جەھەتتىكى كۈچلۈك تەپىنىڭ ياخشى قاندۇرۇلماسلىقى، ئۇلارنى پىسخىلوگىيىلىك مەسىللەرنىڭ چىرمىۋېلىشىغا سەۋەپ بولماقتا. ئەمگەك توختامىنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى، ئىش ھەققىننىڭ ھەرۋاقىت نىسىي قالدۇرلۇشى، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىر بۇلىشى قاتارلىق مەسىللەر ھەل قىلمىسا بولمايدىغان زۇرۇر مەسىللەردۇر.  

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ