-
دورا باھاسىنى قەستەن ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ - [ئۇچۇرلار]
2010/06/29
دورا باھاسىنى قەستەن ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ
مۇخبىرنىڭ 25 - ماي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن دورا باھاسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئوبوروت ھالقىسىدا باھانى يامان نىيەت بىلەن ئۆستۈرۈپ پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدىكەن، دورا بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى ئۆستۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، %60 ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتىدا ئاساسلىق دورا بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
