-
بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال خىزمەتچىلەرنى كاماندىروپكىغا ئەۋەتىش مۇۋاپىق ئەمەس - [ئۇچۇرلار]
2010/06/29
بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال خىزمەتچىلەرنى كاماندىروپكىغا ئەۋەتىش مۇۋاپىق ئەمەس
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ 25 - ماددىسىدا: ھەرقانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خىزمەت ۋە ئەمگەك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان خىزمەت ۋە ئەمگەك پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى، ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ئىككىقات مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئالاھىدە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا، يەنە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەتلىك بالا ئېمىتىش ۋاقتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال خىزمەتچىنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنى كاماندىروپكىغا چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ.
خالىدە مەسئۇت تەرجىمىسىكېلىش مەنبەسى: ئۇچۇر گۈلزارى تورى
