-
جەنۇبىي ئاۋئاتسىيەگە 400نەپەر ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرى قۇبۇل قىلىدىكەن - [خىزمەت ئۇچۇرلىرى]
2009/06/29
جەنۇبىي ئاۋئاتسىيەگە 400نەپەر ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرى قۇبۇل قىلىدىكەن
بۇيىل جەنۇبىي ئاۋئاتسىيەگە مەملىكەت دائىرىسىدە 400نەپەر ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرى قۇبۇل قىلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىكى تاللاش 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ تۆنۈگۈن جەنۇبىي ئاۋئاتسىيە دىن ئېگىلىشچە ، بۇقېتىمقى ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئاشكارە تاللاش ۋە تىلىۋېزۇردا تاللاش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ،ئايىرىم – ئايرىم ئۈرۈمچى، ۋۇخەن، چاڭشا، شېنياڭ ۋە گۇۋاڭجۇ قاتارلىق بەش مۇسابىقە رايۇنى تەسەسىس قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تۇنۇشتۇرشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە قۇيۇلدىغان تەلەپ ئىلگىركىگە قارىغاندا ئازراق قۇيۋېتىلگەن بۇلۇپ، 163-175سانتىمىتىر ئارلىقىدا بولىدىكەن.مۇسابىقىگە قاتنىشقان خادىملار VIP يۇلۇچى تۈرى يۈزتۇرانە ئېمتىھانى، كەسپىي باھالاش تۈرى يۈزتۇرانە ئېمتىھانى، يىزىقچە ئېمتىھان( ئاساسىي ساپا ئىقتىدار سىنىقى، ئىنگىلىز تىلى ئىقتىدار سىنىقى)، كەسپىي تەكرار ۋە ھەرقايسى تاللاش رايۇنلىرىدىكى تېلىۋىزىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.يۇقارقى ئالتە تۈردىن ئۆتكەندىلا ئاندىن ئاۋئاتسىيە خانقىزلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيلەنگەندىن كىيىن جەنۇبىي ئاۋئاتسىيە شېركىتى بىلەن ئەمگەك توختام تۈزۈيدىكەن.
ھەرقايسى تاللاش رايۇنلىرىدىن تېلۋېزىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۈزۈپ چىققان ماھىرلاردىن 5-10غىچە ماھىرنى تاللاپ ، 2009-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردىكەن، ھەم 2010-يىللىق "جوڭگۇ يايۇن يېڭى ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرى چوڭ مۇسابىقىسى" نىڭ تاللاش ھالقىسىغا قاتنىشىش ساھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىىشنىڭ تەلىپى :قىز، توي قىلمىغان، دۆلەت ئېتىراپ قلىدىغان مەخسۇس كۇرۇستىن يۇقىرى (مەخسۇس كۇرۇسنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) ئۇقۇش تارىخي بۇلىشى لازىم. ئوقۇۋاتقانلار بولسا 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغان بۇلۇشى لازىم. مەخسۇس كۇرۇس ئۇقۇش تارىخدىكىلەرنىڭ يېشى 18-24ياشقىچە (1985-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا تۇغۇلغان)بۇلۇش ، تۇلۇق كۇرۇس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىدىكىلەرنىڭ يېشى 18-25ياشقىچە (1984-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا تۇغۇلغان) بۇلۇش لازىم .
قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۈگۈندىن باشلاپ، http://www.csnnews.net/ ياكى http://www.feiyoo.com/ تورغا كىرىپ تىزىملىتىپ ، تىزىملاش مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن بىۋاستە ئىمتىھان رايۇنغا بېرىپ ھەرقايسى ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن .
ئاقسۇ كۈندىلىك گېزىتى
2009-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈندىكى سان
历史上的今天:
