-
ئوپراتىيىسە جەريانىدا يارلاندىم بۇنى قانداق قىلىمەن؟ - [ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/30
ئوپراتىيىسە جەريانىدا يارلاندىم بۇنى قانداق قىلىمەن؟
سۇئال: مەن بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى، بۇيىل 2-ئايدا ئوپراتسىيە جەريانىدا كۆزۈمگە ئوپراتسىيە تىغى تىگىپ كىتىپ يارلاندىم،بۇئىش ئۈستىدە يارلىنىشقا كىرەمدۇ؟ بۇنى سۇغۇرتا ئىدارىسىگە يوللىغان لىكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاپ بەرمىدى، كونكىرىتنى مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاپ : « ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتا نىزامنامىسى » بويىچە ، ئىش ئۈستىدە يارغانلىقىنى بېكىتىش ھۇقۇقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمگەك تارماقلىرىدا بۇلىدۇ، شۇڭا سىز ئالدى بىلەن ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنىدىن باشلاپ بىريىل ئىچىدە، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك تارماقلىرىغا ئىش ئۈستىدە يارلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇڭ، ئەمگەك تارماقلىرى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ 60كۈن ئىچىدە ئىش ئۈستىدە يارلانغانلىقنى بېكىتىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئىش ئۈستىدە يارلاندى دەپ بېكىتىلسە، ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى بېكىتىپ بىرىش ئىلتىماسى سۇنىسىز، ئەمگەك ئىقتىدارىنى بېكىتىش كومتىتى 60كۈن ئىچىدە سىزنىڭ يارلىنىش ۋە ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن، ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى بېكىتىپ بىرىدۇ (نورمال ئەمگەك قلىش ئىقتىدارىڭىزنى يوقۇتۇش ئەھۋالىڭىزنى باھالايدۇ) . ئەمگەك ئىقتىدارىنى بېكىتىش 1-10دەرىجىگە ئايرىلغان بۇلۇپ 1-دەرىجە ئەڭ ئېغىر، 10-دەرىجە ئەڭ يىنىك بۇلىدۇ. تۇلۇق ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى يوقاتقان بولسىڭىز بىۋاستە پىنسىيىگە چىقىرشقا بولىدۇ(1-دەرىجدىن3-دەرىجىگىچە). ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى بېكىتىپ بولغاندىن ، ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى باھالاش نەتىنجىسىگە ئاساسەن تۆلەم تەلەپ قلىسىز، يەنى بارلىق داۋالىنىش خراجىتىڭىزنى تۇلۇق تۆلىگەندىن سىرىت، سىزنىڭ قاراش ھەققى، ياتاقتا يېتىش ھەققى، تاماق ھەققى، باشقا جايدا داۋالانغان بولسىڭىز يول قاتناش ھەققى قاتارلىقلارنى بېرىش بىلەن بىرگە ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى باھالاش دەرىجىسىگە ئاساسەن، بىرقېتىملىق قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش تۇلۇقلىما پۇلى، بىرقېتىملىق مېيىپلىق تۇلۇقلىما تۆلەم پۇلى، بىرقېتىملىق داۋالىنىش تۇلۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمان بولىسىز. ئىدارىڭىز سىزنى ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتسىغا قاتناشتۇرغان بولسا سۇغۇرتىدىن تۆلەشكە تىگىشلىك قىسىمىنى ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتا فودىدىن چىقىم قىلىپ بېرىدۇ،قالغان قىسىمىنى ئىدارە ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدۇ، قاتناشتۇرمىغان بولسا ھەممىنى ئىدارىڭىز ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدۇ. ئەگەر ئىش ئۈستىدە يارلانمىغان دەپ يەكۈن چىقىرىلغان بولسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە داۋالىنىش چىقىمىڭىزنى ئاتچوت قىلدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.历史上的今天:
