-
تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئات چوت قىلىشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار - [تۇغۇت سۇغۇرتىسى]
2010/06/30
تۇغۇت سۇغۇرتىسىنى ئات چوت قىلىشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
بېجىرىشتىكى ۋاقىت چىكى : ئۇمۇمەن رەسمىيەت ماتىرياللارنى تەييارلاپ بولغاندىلا بېجىرىدۇ، تۇغۇتتىن كىيىنكى تۆت ئاي ئىچىدە بېجىرىلىدۇ.
بېجىرىشتىكى تەلەپ:
ۋىلايەتكە قاراشلىق قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ تۇغۇت سۇغۇرتىسىدا نۇقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپاراتىدا تۇغىدۇ ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش پىلانلىق تۇغۇت ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ. ۋىلايەتلىك نۇقتاقىلىنغان داۋالاش ئاپاراتلىرى بولسا ۋىلايەتلىك 1-،2- خەلىق دوختۇرخانىسى، ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسى، شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسى، ۋىلايەتلىك تۇغۇتقا يىتەكچىلىك قىلىش ئورنى، شەھەرلىك جوڭگۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسى، ۋىلايەتلىك ئانا- بالىلار دوختۇرخانىسى.
بېجىرىشتە تەمىنلەشكە كېرەكلىك ماتىرياللار:
بىرنىچى، ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا
(1)ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىملىكى، نۇپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسى.
(2) پىلانلىق تۇغۇت كېنىشكىسى، يالغۇز پەرزەنىت ياكى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى، بالا تۇغۇلغانلىق ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلمىسى.
(3) نۇقتا قىلىنغان دوختۇرخانىدا بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش تالونى، تەپسىيلى ھېساپ تالۇنى ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش دىئاگنوز ئىسپا تىنىڭ ئەسلىي نۇسخسى.
(4) ئاقسۇ ۋىلايەتلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت سۇغۇر تىسى تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدىۋىلىدىن 3 نۇسخا.
(5) ئىدارىنىڭ ھۇقۇق بېرىش ھاۋالەنامىسىدىن بىر پارچە.
ئىككىنچى، ئەر ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، ئايال تەرەپنىڭ ئەمگەك كىرىمى بولمىسا.
(1) ئەر- ئايال ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى، نۇپۇس دەپتىرى، نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى.
(2) پىلانلىق تۇغۇت كېنىشكىسى، يالغۇز پەرزەنىت ياكى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى، بالا تۇغۇلغانلىق ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلمىسى.
(3) نۇقتا قىلىنغان دوختۇرخانىدا بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش تالونى، تەپسىيلى ھېساپ تالۇنى ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش دىئاگنوز ئىسپاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخسى.
(4) ئىدارىسى كېسىپ بەرگەن ئۆز ئىدارىسىدىكى ئەر ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىش ئورنى، ئەمگەك كىرىمى يوقلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتى، ئايال تەرەپ تۇرۇشلۇق ئاھاللىلار كومتىتى ئەمگەك كاپالەت خىزمەت پونكىتى چىقىرىپ بەرگەن ئايال تەرەپنىڭ ئىش ئورنى يوقلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات.
(5) ئاقسۇ ۋىلايەتلىك شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت سۇغۇر تىسى تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدىۋىلىدىن 3 نۇسخا.
(6) ئىدارىسنىڭ ھۇقۇق بېرىش ھاۋالە نامىسىدىن ئۈچ پارچە.
بېجىرىشتىكى ئاساسلىق تەرتىپلەر؛
ئىدارە ھاۋالە قىلغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتىرياللارنى ئېلىپ داۋالاش تۇغۇت سۇغۇرتىسى بۆلىمىگە كىلىپ ئىلتىماس قىلىدۇ. داۋالاش تۇغۇت سۇغۇرتىسى بۆلىمى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كىيىن ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بېرىپ تەمىنات چىقىمىنى بېىرىدۇ. بۇ ناھىيلەردىمۇ ئوخشاش.
