بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىشسىز خادىملار، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشىسز خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتە بەھرىمەن بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرى - [يېزا ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتى]

    2011/05/30

    بىرىنچى: جامائەت پارراۋانلىق ئىش ئورنى تۇلۇقلىمىسى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت سۇغۇرتا تۇلۇقلىما پۇلى سىياسىتى

    (1)      ئىش ئورنىدىن  قالدۇرۇلغان ئىشسىز خادىملار ۋە خىزمەت تېپىشى قىيىن بولغان خادىملار شەرتىگە ماس كېلىدىغان شەھەر بازاررلاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان خادىملار، جامائەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، بەلگىلىمە بۇيىچە ئىش ئورنى تۇلۇقلىما پۇلى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىش ئورنى تۇلۇقلىما پۇلى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇلۇقلىما پۇلى بىرىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ يۇرگۈزۈلۇش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، داۋاملىشىش مۇددىتى ئەڭ ئوزۇن بولغاندا 3 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لىكىن 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار، 50ياشتىن ئاشقان ئەرلەر 3يىللىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەڭ ئوزۇن بولغاندا قانۇندا بەلگىلەنگەن  پىنسىيە يېشىغىچە بولىدۇ.

    (2)      ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىشسىز خادىملار، ئىشتىن قالغىنىغا بىريىلدىن ئاشقان شەھەر- بازاارلاردا ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار قانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن مەلۇم قىلىپ ھەمدە ئۆز سالاھىيىتىدە ئىجتىمائى سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغانلارغا بەلگىلىك ساندىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇلۇقلىما پۇلى بىرىلىدۇ. بىرىلگەن تۇلۇقلىما پۇلىنىڭ سانى ئۆزى تاپشۇرغان قىسىمىنىڭ 3/2 قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.  بۇنىڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇلۇقلىمىسى ئەڭ ئوزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئاشمايدۇ، لىكىن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار، 50ياشتىن ئاشقان ئەرلەر 3يىللىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەڭ ئوزۇن بولغاندا قانۇندا بەلگىلەنگەن  پىنسىيە يېشىغىچە بولىدۇ.

    ئىككىنچى:تەربىيلىنىش تۇلۇقلىما پۇلى بىرىش سىياسىتى

    قايتا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسى بار خادىملار، شەھەر-بازاردىكى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقان خادىملار ھەريىلى بىر قېتىمدىن كەسپى ماھارەت بۇيىچە تەربىلەش تۇلۇقلىىما پۇلى ۋە دەسلەپكى ماھارات بۇيىچە باھالاش تۇلۇقلىمىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ. مەىسۇس تۈردىكى كەسپى ماھارەت بۇيىچە تەربيلەشكە قاتناشقانلار ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا مەخسۇس تۇردىكى كەسپى ئىقتىدارى بۇيىچە تەربىيلەش تۇلۇقلىما پۇلى ۋە بىكىتىش تۇلۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسىبارلار، شەھەر-بازاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار، ماھارەت تەربىيىسىگە قاتناشسا، مەخسوس تۈردىكى ماھارەت تەربىيىسىگە قاتناشسا، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىغا ماس بولغان خەنزۇ تىلى تەربىلەش تۇلۇقلىمىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

    ئۈچۈنچى، ئاز سوممۇلۇق كاپالەتلىك قەرىز سىياسىتى

    قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسىبارلار، شەھەر-بازاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار، ئىگىلىك تىكلىگەن بولسا ئاز سوممىلىق كىپىللىك قەرىز پۇلى بىرىشكە بولىدۇ. قەرىز سوممىسى 50مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەرىز قايتۇرۇش مۇددىتى 2 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. پۇل قايتۇرۇش مۇددىتى تۇشۇپ، مۇددەتنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بىريىل ئۇزارتىپ بىرىشكە بولىدۇ، مۇددەتنى ئۇزارتقان مەزگىلدىكى قەرىز ئۆسۇمىنى قەرىز ئالغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرلىشىپ تىجارەت قىلغانلار ۋە تەشكىللىنىپ خىزمەت تاپقانلار كىشى بېشىغا 50مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئومۇمى سوممىسى بىرمىلىيۇن يۇەندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئۆلچەمدە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرىز پۇلى  ئالسا بولىدۇ. قەرىز قايتۇرۇش مۇددىتى تۇشۇپ، مۇددەتنى ئۇزارتىشقا ئىھتىياجلىقلار بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ، مۇددىتى ئۇزارتىلغاندىن كىيىنكى قەرىز ئۆسۇمىنى قەرىز ئالغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    تۆتىنچى: قايتا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسىبارلار، شەھەر- بازاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار يەككە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاندا بەھرىمەن بولىدىغان ئىتىبار سىياسەتلەر

    1. «قايتا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسىبار ئىشتىن قالدۇرۇلغان خادىملار يەككە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاندا ھەر بىر ئائىلە ھەربىريىلدا 8000يۇەن چەكلىك سوممىدىكى شۇيىلى تاپشۇرىدىغان تىجارەت بېجى، شەھەر ئاسىراش قۇرۇلۇش بېجى، مائارىپ قۇشۇمچە بېجى ۋە شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    2. شەھەر بازاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار ئىگىلىك تىكلەپ كارخانا قۇرغان يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئومۇمەن مۇناسەتلىك شەرتكە چۈشسە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن باجدىن ئىتىبار بىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    3. «قايتا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىتىبار بىرىش كىنىشكىسىبار بولغان ئىشتىن قالدۇرۇلغانلار، شەھەر- بازاردىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ئىشسىزلار، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سودا-سانائەت تارماقلىرىدا تۇنجى قېتىم تىزىمغا كۈندىن باشلاپ 3يىل ئىچىدە باشقۇرۇش تۈرى، تىزىملاش، كىنىشكە ۋە ھەرقايسى تۇردىكى مەمۇرى كەسپى ھەق ئېلىشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مېيىپلارغا ئىتىبار بىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغانلار ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان تىجارەت بېجى، شەخسى تاپاۋەت بېجى، قۇشۇلما قىممەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى قاتارلىق جەھەتلەردە باجدا ئىتىبار بىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    بەشىنچى:ئىلتىماس قىلىش تەرتىپلىرى

    يۇقىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئىتىبار بىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بۇلۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئالاقىدار ماتىرىياللىرىنى ئېلىپ ئۆزى تەۋە بولغان جايدىكى يېزا-بازارلىق (ئىجتىمائى رايۇنلۇق) ئەمگەك كاپالەت ئىش بېجىرىش ئورنىغا ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يېزا-بازارلىق ئەمگەك كاپالەت ئىش ئورنى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار قايتا تەكشۇرۇپ سېلىشتۇرغاندىن كىيىن يولغا قويسا بولىدۇ.

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ