-
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەتلەر - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2011/03/18
1. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كەسپىي تەربىيلىنىشكە قاتناشسا ئاساسىي تۇرمۇشغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
يەنى تەربىيلىنىش مەزگىلىدە شۇرايۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۇرمۇش پۇلى تارقىتىلىدۇ. ئەمگەك كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتلىرىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
2. ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاست ،دۆلەت بېكىتكەن، تەسىسى قىلغان نامرات ناھىيە، چىگرا رايۇنلارنىڭ يېزا كەنىتلىرىدە ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىدا ئىشلىسە، تۇرمۇش ياردەم تۇلۇقلىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ بېرىدۇ.
يەنى ئۆلچىمى شۇ يەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ ( ئۈچ خىل سۇغۇرتا بىر فوندىنى ئۆزئىچىگە ئالمىغاندىكى ئۆلچەم).
3. كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى پاراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرسا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
4. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئائىلىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلي تۆلىگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ھۆكۈمەت تۇلۇق ئات چوت قىلىپ بېرىدۇ.
5. ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىقىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىللىرى ئىشسىزلىق تىزىملاش كېنىشكىسى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاتۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە بېجىرمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئجتىمائىي كاپالەت نازاررىتىنىڭ 2011- يىلى 14- نۇمۇرلۇق ھۆجىتى بۇلۇپ باش قىسىمىنى تەپسىلىي تەرجىمە قىلىپ ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىغا يوللاپ قويغان ئىدىم، ئاخرسىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەنكىتىن مۇھىم قىسمىنى يوللاپ قويدۇم، تەپسىلىي مەزمۇنىغا ئېھتىياجىلق بولغانلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ھۆجەتنىڭ ئەسلىي نامى.
关于 惯窃落实自治区党委自治区人民政府《关于进一步促进大中专毕业生就业的意见(试行 )有关工作的通知。
新人社发【2011】14号
收藏到:Del.icio.us

评论