-
نومۇس ۋە ئەقىدە - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/06/28
ﺋﻪﻗﯩﺪە - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﮔﻪپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺋﻪﻗﯩﺪە - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﮬﻪرﻗﺎﭼﺎن ﮬﻪﻣﺮاھ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ، ﺳﺎداﻗﻪﺗﻜﻪ، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻘﺎ، ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﺎﺷﺎش ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ روﺷﻪﻧﻜﻰ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﺪە ﻏﺎﻳﻪ ۋە ﻣﻪﻗﺴﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻧﺪاق ﻏﺎﻳﻪ ۋە ﻣﻪﻗﺴﻪت ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯩﻦ، ﭘﺎك، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﯟى ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋدە ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮔﻪۋدە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚزى ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﺎدەﻣﺪە ۋەﺗﻪن ۋە ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ۋەﺗﻪن، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ روﮬﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻣﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜچ - ﻗﯘدرﯨﺘﻰ. ﺋﺎددﯨﻴﺴﻰ، دوﺳﺘﻠﯘق، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪﻗﯩﺪە - ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻐﺎن دوﺳﺘﻠﯘق ۋە ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﺘﯘر
-
بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار قانۇنشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئىنگلىز تىلى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، سودا – سانائەت باشقۇرۇش، خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، بوغالتىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسپىنى ئوقۇغان ئىشسىزلار 146 مىڭ 700 بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىنى ئوقۇغان ئىشسىزلارنىڭ %34.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلار ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار كومپيۇتېر ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسى، ماشىنا – ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى، بوغالتىرلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، سودا ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت
-
يايرىمغا خىتاپ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/06/08
تاللىغان گۈلۈم سەن ئۆمۈرلۈك ئاڭا
ۋەسلىڭسىز زىمىستان بۇھايات ماڭا
سېغىنىش ئىلكىدە ئۆتسىمۇ ئۆمۈر
رەنجىشىم جىنايەت ئاغىرنىپ ساڭا
-
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﻰ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/03/20
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ __ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ.