بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • قايسى كەسىپلەرنى ئۆگەنگەندە خىزمەتنى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2009/06/18

    قايسى كەسىپلەرنى ئۆگەنگەندە خىزمەتنى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ
     
    2009– يىل6– ئاينىڭ12– كۈنى 18:23 شىنجاڭ گېزىتى 
     
        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئىجتىمائىي پەن ماتېرىياللىرى نەشرىياتى 10 – ئىيۇن بېيجىڭدا ئېلان قىلغان ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى <كۆك تاشلىق كىتاب>: 2009 – يىلى جۇڭگو ستۇدېنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى››دا، تېخنىكا ئىلمى ۋە باشقۇرۇش كەسپى 2008 – يىلى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كەسىپ بولۇپ قالدى، دەپ كۆرسىتىلدى.

        ‹‹كۆك تاشلىق كىتاب››تا مۇنداق دېيىلدى: قانۇنشۇناسلىق ۋە پەلسەپە كەسپى 2008 – يىلى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يېرىم يىلدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان كەسىپ بولۇپ قالدى؛ بايلىق ئېچىش ۋە ئۆلچەش – لايىھىلەش مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت باشقۇرۇش ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن كەسىپ بولۇپ قالدى. 2008 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون تولۇق كۇرس كەسپىنى ئوقۇغان ئىشسىزلار 107 مىڭ 500 بولۇپ، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئىشسىزلارنىڭ %35.9 ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار قانۇنشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئىنگلىز تىلى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، سودا – سانائەت باشقۇرۇش، خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، بوغالتىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسپىنى ئوقۇغان ئىشسىزلار 146 مىڭ 700 بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىنى ئوقۇغان ئىشسىزلارنىڭ %34.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلار ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار كومپيۇتېر ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسى، ماشىنا – ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى، بوغالتىرلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، سودا ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت.

        ‹‹كۆك تاشلىق كىتاب››تا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياسىمىچىلىق كەسپىگە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %27ى ۋە مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %31ى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ياسىمىچىلىق كەسپى ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئورۇنلاشقان ساھە بولۇپ قالدى. پۇقراۋى كارخانىلار ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار 2008 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلار بولۇپ، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ئىچىدە ‹‹211›› قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار %34، ‹‹211›› قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلمىگەن تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار %44، مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار %60نى ئىگىلىگەن.

     
    ( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

    分享到:

    评论

  • بىلوگىڭىز سۇغۇرتا كەسپى بويىچە خېلى مۇكەممەل يۈزلىنىشكە مېڭىپتۇ. ئاخىرىغىچە مۇشۇ يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتمەي، بىلوگىڭىزنى سۇغۇرتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش... كەسپى بويىچە تەرەققى قىلدۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
    بىلوگىمغا قالدۇرغان تەكلىپىڭىزنى كۆردۈم، ئېيتقىنىڭىزدەك، ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇپ تەڭ تەرەققى قىلىشنى مەنمۇ خالايمەن، بولۇپمۇ كۆپرەك پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.
    مويۇنچۇر
1056551709QQ