-
بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار قانۇنشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئىنگلىز تىلى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، سودا – سانائەت باشقۇرۇش، خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، بوغالتىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسپىنى ئوقۇغان ئىشسىزلار 146 مىڭ 700 بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىنى ئوقۇغان ئىشسىزلارنىڭ %34.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلار ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار كومپيۇتېر ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسى، ماشىنا – ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى، بوغالتىرلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، سودا ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت