-
يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە رەسمىيەت قانداق بىجىرىلدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/12/10
يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە رەسمىيەت قانداق بىجىرىلدۇ؟
جاۋاب: نۇقتا قىلىنغان داۋالىنىش ئورگانلىرىنىدا دەرىجىمۇ-دەرىجە يۆتكەش ۋە كوللىكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ يۆتكەشنى بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدۇ. نۇقتا قىلىنغان داۋالاش ئورگانلىرى شەرت-شارئىتى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بىمارلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرىدا داۋالىنىشقا يۆتكىمەكچى بولسا، ۋىلايەت دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋىراچ ياكى بۆلۈم مۇدىرىنىڭ يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا بولىدىغانلىقى توغۇرسىدىكى دىئاگىنوز پىكىرىگە ئاساسەن، دوختۇرخانىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنى بىجىرىش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تىزىملىشىدىن كېيىن دوختۇرخانا مەسئۇلى ئىمزا قويۇش ئارقىلىق يۆتكىلىپ داۋالىنىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىدارىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇش خېتىنى ئېلىپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ.
历史上的今天:
