-
قايسى خىلدىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنمايدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/12/10
قايسى خىلدىكى داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنمايدۇ؟
جاۋاب: ئۇرۇش-جىدەل، ھاراق ئچىش، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ۋە قاتناش ۋەقەسى، داۋالاش ھادىسىسى شۇنداقلا باشقا تۈرىدىكى مەسئۇلىيەتلىك ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتى، شۇنداقلا قەستەن ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بارلىق داۋالىنىش خىراجەتلىرى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بالنىشتا يېتىش رەسمىيىتىنى قانداق بىجىرىدۇ؟
جاۋاب: سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بالنىستا يېتىشقا توغرا كەلسە ،چوقۇم نۇقتا قىلىنغان داۋالىنىش ئاپپىراتلىرىغا بېرىپ بالنىستا يېتىش رەسمىيىتىنى بېقىرىش كېرەك، ھەمدە مەلۇم سوممىدا بالنىستا يېتىش رەنە پۇلى تاپشۇرۇش لازىم.
ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش توپلاش فوندى ۋە شەخسى سىچوت فوندى دىگەن نىمە؟
جاۋاب: بىرتۇتاش توپلاش فوندى دىگىنىمىز٪7 ئۆلچەم بويىچە ھەر قايسى ئورۇنلار تاپشۇرغان داۋالىنىش راسخوتنىڭ 3 تىن 2 قىسىمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش توپلاش فوندىسى قىلىندۇ. بىر تۇتاش توپلاش فوندىسى ئورتاق بەھرىمان بولۇش خارەكتىرىنى ئالغان .شەخسى سىچوت فوندىسى دىگىنىمىز ئۆزى تاپشۇرغان ٪2 بىلەن ئىدارە تاپشۇرغان راسخوتنىڭ 3تىن بىر قىسىمى قۇشۇلۇپ (ئوخشىمىغان ياش چىكى بويىچە ٪1 ، ٪1.2 ، ٪1.5 دەپ قوشۇلدۇ) شەخسى سىچوتقا قوشۇلىدۇ.
داۋالىنىش مەزگىلدىكىى قانداق ئەھۋاللارنى بىنورمال، نامۇۋاپىق ئەھۋال دەيمىز؟
جاۋاب: ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:(1)زۆرۆرىيىتى بولمىغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش مەسىلەن: بەزى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى (2)ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە پىلانلىرى، قىممەت دورىلار (3) يىنىك كىسەلنى چوڭايتىپ داۋالاش، كېسىلى يوق ئادەمنىڭ دورا ئېلىشغا رۇخسەت قىلىش (4) باشقىلارنىڭ كىنىشكىسىغا داۋالىنىش، باشقىلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش قاتارلىقلار.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
