-
ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسى سىچوتى نىمىلەردىن تەركىب تاپقان؟ - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]
2010/12/10
سۇئال: ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسى سىچوتى نىمىلەردىن تەركىب تاپقان؟
جاۋاب: 2006-يىلىدىن بۇرۇن شەخسى سىچوتنىڭ تەركىبى يەنى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىش ھەققىنىڭ ٪11 ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىدارە تاپشۇرغان راسخوتتىن ئاجىرىتىپ بېرىلگەن قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 2006-يىلىدىن باشلاپ شەخسى سىچوتنىڭ نىسبىتى ٪8 ئۆزگەرتىلدى، ئىدارە تاپشۇرغان راسخوتتىن شەخسى سىچوتقا ئاجىراتمايدىغان بولدى. شەخسى سىچوتنىڭ ئامانەت سوممىسى پەقەتلا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنىشىگىلا ئىشلىتىلىپ، ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولدى. شەخسى سىچوت ئامانەت سوممىسىنىڭ ئۈسۈمى يىلدا بىر قېتىم ھېسابلىنىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك كاپالىتى نازارىتى، مالىيە نازارىتى شۇ يىللىق بانكا ئامانەت ئۆسۈمىگە ئاساسەن ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەر يۆتكەلگەندە، بەلگىلىمە بويىچە شەخسى سىچوتمۇ بىرگە يۆتكىلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەر ياكى پىنسىيىگە چىققانلار ۋاپات بولسا شەخسى سىچوتتىكى ئۆزى تاپشۇرغان قىسىمىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
