-
ئىش ھەققىنى بەرمىگەنلەرگە جىنايى جازا بېرىش ۋەزيەتنىڭ تەقەززاسى - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2010/12/14
ئىش ھەققىنى بەرمىگەنلەرگە جىنايى جازا بېرىش ۋەزيەتنىڭ تەقەززاسى
مەن بىر ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەم كۈچى بايلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ ئەمگەك كاپالەت تەپتىش خادىمى. يىللاردى بۇيان، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئىسسىق- سوغاقلىرىنى نۇرغۇن قېتىم باشتىن كەچۈردۇم. شۇنداقلا چۇڭقۇر ھېس قىلدىمكى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەت تارماقلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك قىلمىشىنى تەرتىپكە سېلىش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك قىلمىشىنى تەرتىپكە سېلىش نىشانىدىن يەنىلا خېلى يىراق.
ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك قىلمىشى ئەمگەكچىلەرنىڭ مال مۈلۈك ھۇقۇقىغا دەخلىي قىلىپلا قالماستىن، كەڭ ئەمگەكچىلەرگە ۋە ئائىلىسنىڭ ئاساسىي تۇرمىشىغا بىۋاستە تەھدىت ئېىلىپ كىلىدۇ، چوڭ كۆلەملىك ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرۇش قىلىمىشى يەنە جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. « ئەمگەك توختام قانۇنى» دا ؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەندەك ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا تۇلۇق بەرمىگەنلەرنى، ئەمگەك تارماقلىرى مۇددەت ئىچىدە ئىش ھەققىنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىپ بەرمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا نىسىي ئىش ھەققىنىڭ 50% دىن يۇقىرى 100% تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق بۇ جازالاش قارارى ، مالىيە مەبلىغى جېق، ئۆكتەملىك قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان ئىش ھەققىنى سۆرىگۈچىلەرگە نىسبەتەن بەك يىنىك، جازالاش قىممىتى كىچىك. بۇ ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرىدىغان قانۇنسىز ئەھۋاللارنىڭ دائىم يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇڭلاشقا مىكرو جەھەتتىن ياكى ماكرو جەھەتتىن ئويلىشىشتىن قەتئىي نەزەر، خەلىق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپىئەتىنى قوغداش ۋە جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداش قاتارلىق ئۇمۇمىي ۋەزيەتنى چىقىش قىلغاندا، ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارغا جازالش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، بۇلۇپمۇ قىلمىشى رەزىل بولغانلاغا كۈچلۈك بولغان قانۇنىي ۋاستىلەر ئارقىلىق چەكلىگەندە، جىنايەتنى جازالاپلا قالماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايەتنى تېز جازاش ، ئېغىر جازالاش، ئىش ھەققىنى سۆرىگەن رەزىل قىلمىشلارغا ئېغىر بولغان جىنايى جازا شەكلى ئارقىلىق جازالىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن بار، ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارغا جىنايەت بېكىتكىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنى ئۈزۈل كىسىل ئۆز گەرىتكىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە « ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرۇشنى جىنايەتكە كىرگۈزۈش» دە خەلق ئارا جەمئىيەتتە بولسا ئالدىنقى قاتاردىكى مىساللار بار . روسىيە قانۇن تۇرغۇزۇش قانۇنىدا، ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارغا يەتتە يىلدىن تۆۋەن ۋەزىپىسىدىن ۋە ھۇقۇقىدىن مەھرۇم بەلگىلەنگەن، كورىيىدە ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارغا بەش يىل نازارەت ئاسىتىغا ئېلىش ۋە 30 مىليون كورىيە پۇلى جەرىمانە قۇيۇش بەلگىلەنگەن؛ گىرمانىيە، فىرانسىيە، شىۋىتسىيە، ئامىرىكا، كانادا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىمۇ ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارغا بېرىلىدىغان قاتتىق بولغان جىنايى جازا چارىللىرى بار. شۇڭلاشقا دۆلىتىمىزمۇ باشقا دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرغانلارنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇنىي چارىللىرى ۋە باشقۇرۇش تەجىربىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرۇش قىلىمىشلىرىغا بولغان جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
جوڭگۇ ئەمگەك كاپالەت گېزىتى
2010-يىلى 12- ئاينىڭ 7-كۈنى
