-
يېزا يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتسى بىلىملىرى - [يېزا ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتى]
2010/12/15
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاتنىشىشى دائىرىسى قايسى ؟
جاۋاب: ئومۇمەن يېشى 16 ياشقا توشقان(ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ، شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان يېزا نۇپۇسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار نۇپۇس تەۋەلىكى بويىچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىسى قانداق توپلىنىدۇ؟ نۆۋەتتە شەخىسلەرنىڭ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلگەن؟ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسى سىچوتى قانداق تۇرغۇزۇلىدۇ؟
جاۋاب: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىسى يەنى شەخىسلەر تاپشۇرغان راسخوت ،كوللىكتىپ ياردىمى ۋە ھۆكۈمەت تۇللۇقلىمىسىدىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان، شەخىسلەرنىڭ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 100يۇەن، 200يۇەن ،300يۇەن ،400يۇەن، 500يۇەن،600يۇەن،700يۇەن، 800يۇەن،900يۇەن ،1000يۇەندىن ئىبارەت 10 خىل ئۆلچەمگە ئايرىلىدۇ.سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ نەپ ئالىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسى سىچوتى قانداق تۇرغۇزۇلىدۇ؟
جاۋاب: ناھىيە- شەھەرلەر ھەر بىر يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارغا ئۆمۈرلۈك خاتىرلىنىدىغان شەخسى سىچوت تۇرغۇزۇپ بېرىشى كېرەك. شەخسىلەرنىڭ تاپشۇرغان قىسىمى، كوللىكتىپ ياردىمى، تۈرلۈ ك كارخانىلار، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائي تەشكىلات، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا قىلغان مەبلەغ ياردىمى شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا بەرگەن تۇللۇقلىما ياردىمىنىڭ ھەممىسى شەخسى سىچوتقا قوشۇۋىتىلىدۇ، شەخسى سىچوت زاپىسنىڭ ئۆسۈمى جۇڭگو خەلىق بانكىسى ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپىراتلىرىنىڭ بىر يىللىق مۇددەتلىك ئامانەت ئۆسۈمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى قانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان؟ قانچە ئۇزۇن چىقىم قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: يەنى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسى سىچوت ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ، ھەمدە ئۆمۈرۋايەت بېرىلىدۇ.
مەركەز بېكىتكەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟
جاۋاب: ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا 55 يۇەن بولۇپ، مەركەز مالىيىسىدىن پۇتۇن مەسئۇل بولىدۇ.شارائىتى بار ناھىيە شەھەرلەر بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. سۇغۇرتىنى جەمىئى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشسا (تۇلۇقلاپ تاپشۇرغان قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە بۇ ئاساستا ئاشۇرۇپ تۆلىسە،پىنسىيىگە چىققاندا ئاشۇرغان ھەر بىر يىلىغا 2 يۇەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا قۇشۇلىدۇ. كېتىدىغان مەبلەغنى ناھىيە شەھەرلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ۋاپات بولسا شەخسى سىچوتتىكى قالدۇق قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
جاۋاب:سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سۇغۇرتا تاپشۇرۇش مەزگىلىدە ۋاپات بولسا شەخسى سىچوت جوغلانمىسىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئونىڭ ئۆسۈمى تۇتۇپ قېلىنىپ قالغان قىسىمىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ. پىنسىيە پۇلى ئېلىش مەزگىلىدە ۋاپات بولسا شەخسى سىچوتتىكى قالدۇغىغا ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئونىڭ ئۆسۈمى تۇتۇپ قېلىنىغاندىن كېيىن قالغان قىسىمىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ . تۇتۇپ قېلىنغان ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى باشقىلارنىڭ پىنسىيە پۇلىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلدۇ.
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا يېشى 60 ياشقا توشۇپ بولغان ھەمدە شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولمىغانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا يېشى 60 ياشقا توشۇپ بولغان ھەمدە شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولمىغانلار، سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرماي تۇرۇپ ئايمۇ-ئايمۇ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ، لېكىن سۇغۇرتىغا قاتنىشى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن پەرزەنىتلىرى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرىشى كېرەك.
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا پىنسىيىگە چىقىش يېشى 15 يىلغا توشمىغان ۋە 15 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن دېھقان چارۋىچىلار سۇغۇرتا پۇلىنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟
جاۋاب: 15 يىلغا يەتمىسە يىل بۇيىچە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدۇ ھەمدە تۇللۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. 15 يىلدىن ئېشىپ كەتسە يىل بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدۇ ھەمدە پىنسىيىگە چىقىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 15 يىلدىن كەم تاپشۇرماسلىقى كېرەك.
