بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  •  يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاتنىشىشى دائىرىسى قايسى ؟

    جاۋاب: ئومۇمەن يېشى 16 ياشقا توشقان(ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ، شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان يېزا نۇپۇسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار نۇپۇس تەۋەلىكى بويىچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.

     يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىسى قانداق توپلىنىدۇ؟ نۆۋەتتە شەخىسلەرنىڭ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلگەن؟