بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايوننىڭ 2011-يىللىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]

    2011/06/15

    شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايوننىڭ 2011-يىللىق  ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى

    1.   ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەققى ئۆلچىمى، رايۇنلار بويىچە 4 دەرىجىگە بۆلىندى، ھەرقايسى دەرىجە ۋە تەدبىقلىنىدىغان رايۇنلارنىڭ تەپسىلاتىنى جەدىۋەلدىن كۆرۈڭ.
       2. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى
      ئۆلچىمى مۇنداق 2 خىل بولىدۇ.

    بىرى ئەمگەكچى شەخسى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى  ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ( تۆۋەندە «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» دېيىلىدۇ ) ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئېيىغا 960 يۈەن، 770 يۈەن، 690 يۈەن، 620 يۈەن بولىدۇ. يەنە بىرى، «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇمۇ 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ئېيىغا 1160 يۈەن، 960 يۈەن، 880 يۈەن، 800 يۈەن بولىدۇ (قوشۇمچە جەدۋەل -- 1 گە قاراڭ).

    پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك ئىش ھەققى ئۆلچىمى، ھەر ئاينى 21.75 كۈنگە، ھەركۈننى 8 سائەتكە سۇندۇرۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    3. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدەبولمىغان، ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى
     4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ھەر سائىتىگە 11.6 يۈەن، 9.6 يۈەن، 8.8 يۈەن، 8 يۈەن بولىدۇ (جايلارنىڭ ئۆلچىمى قوشۇمچە جەدۋەل -- 2 دە كۆرسىتىلدى).

    پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەر نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگەن شارائىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئوروننىڭ بەرگەن ئىش ھەققى،  «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بۇلۇشقا بولمايدۇ،ھەم بەلگىلىمە بويىچە شەخىسلەر تۆلەشكە تىگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ تاپشۇرغاندىن كىيىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئالغان ئىش ھەققى «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بۇلۇشقا بولمايدۇ.

    5. ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
    1) ئۇزارتىلغان ۋاقىتتىكى ئىش ھەققى.
    2) كېچىلىك، ئوتتۇردىكى، يۇقىرى تىمپىراتۇرا، تۆۋەن تىمپىراتۇرا، قۇدۇق ئاستى، زەھەرلىك زىيانلىق شارائىت قاتارلىق ئالاھىدە مۇھىت، شارائىتتا ئىشلىگىنىگە بېرىلگەن تۇلۇقلىما.
    3) قانۇن-نىزاماملاردا بەلگىلەنگەن ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى.

    ئىشقا قاراپ بېرىلىدىغان مائاش ۋە پىرسەنىت بويىچە بېرىلىدىغان ئىش ھەققى تۈزىمى قاتارلىق ئىش ھەققى تۈزىمىنى يولغا قويغان ئورۇنلار، ەمگەك سىجىللىقىنى ئىلمىي مۇۋافىق ئاساسىدا بەلگىلىشى،ئەمگەكچىلەرگە بەرگەن ئەمەلىي ئىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.

    6. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزلىرى سەۋەبىدىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى ۋە قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختىمىدا يۈتۈشكەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلىمىگەنلەرگە، بۇئۇقتۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى تەدبىقلانمايدۇ.

    7. بۇ ئۆلچەم ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى كارخانا ، يەككە  ئىقدىسادى تەشكىلات، خەلق ئىگىلىكىدىكى غەيرى كارخانا ئورۇنلار قاتارلىق تەشكىلاتلاربىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەر، دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي كوللىكتىپ بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەر، مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

     8. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى2011 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

      قوشۇمچىسى:

    1. تەڭشەلگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى
    2. تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى جەدۋىلى

     

    قوشۇمچە جەدۋەل  1:

    تەڭشەلگەن ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جەدۋىلى

    بىرلىكى: ئايدا/ يۈەن
    رايون نامى
      «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى  «3 سۇغۇرتا، بىر فوند» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى

     قاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى      960            1160  

    ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى ،    ۋۇجياچۈ شەھىرى. 770           960  

    تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى،  پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى ، تۇمۇشۇق شەھىرى،ئالار شەھىرى.                                              690         880  

    توقسۇن ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، ئىلى شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى،كۈنەس ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى ،  ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى،بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى،  ئونسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى ، ئاۋات ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى،كەلپىن ناھىيىسى ، نىيە ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى،  تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى  ، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى .

     620       800    

    قوشۇمچە جەدۋەل  2:

    تەڭشەلگەن سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى

    بىرلىكى: سائىتىگە/ يۈەن
    رايون نامى
                       سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى

     قاراماي شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى.     11.6

    ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، شىخەنزە شەھىرى ،    ۋۇجياچۈ شەھىرى. 9.6

    تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، قۇمۇل شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمسار ناھىيىسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى،  پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، پەيزاۋات ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، تۇمۇشۇق شەھىرى ،ئارال شەھىرى.   8.8

    توقسۇن ناھىيىسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، شەھىرى، كۇيتۇن شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى،كۈنەس ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى ، ئاتۇش شەھىرى، ئاقچى ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى، ئۇلۇغچات ناھىيىسى، چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيىسى،  ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چىڭگىل ناھىيىسى، جېمىنەي ناھىيىسى،بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسى،  ئونسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى ، ئاۋات ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى،كەلپىن ناھىيىسى ، نىيە ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى،  تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى  ، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى.

        8  

     ئاپتونوم رايونىنىڭ 2011-يىلى50- نۇمۇرلۇق ھۆجىتىگە ئاساسەن ئېلىندى.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ