بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بالنىستا يېتىپ داۋالىنىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر قىسىم داۋالىنىش تۈرلىرى ۋە ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى ئاتچوت قىلغاندا، شەخىسلەر قانچىلىك نىسبەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]

    2009/06/15

    سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بالنىستا يېتىپ  داۋالىنىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر قىسىم داۋالىنىش تۈرلىرى ۋە ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى ئاتچوت قىلغاندا، شەخىسلەر قانچىلىك نىسبەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

     جاۋاب: سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بالنىستا يېتىپ داۋالىنىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر قىسىم داۋالىنىش تۈرلىرى ۋە ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى ئاتچوت قىلغاندا، شەخىسلە رداۋالىنىش چىقىمىنىڭ مەلۈم نىسبەتنى ئالدى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ، ئاندىن ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بالنىستا يېتىپ  داۋالانغاندا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تەۋە قىسمىنى ،دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسى قانداقلا بولسۇن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاۋال 15% نىسبىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەندىن كىيىن،ئاندىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم قىلىشىغا تەۋە بولغان  بىر قىسىم داۋالىنىش تۈرلىرى ۋە ئىشلەتكەن ماتىرياللارنى ئاتچوت قىلغاندا، دوختۇرخانىنىڭ دەرىجىسى قانداقلا بولسۇن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاۋال10% نىسبىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەندىن كىيىن، ئاندىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، ئىمپورىت قىلىنغان ماتىرياللارنى ئىشلەتكەندە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاۋال25%نىسبىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىگەندىن كىيىن، ئاندىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ،

     

     

    分享到:

    خەتكۈچ:
1056551709QQ