-
ئىشچى – خىزمەتچىلەر چوڭ كېسسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا قانچىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتا ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/15
ئىشچى – خىزمەتچىلەر چوڭ كېسسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا قانچىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتا ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
جاۋاب : ئىشچى – خىزمەتچىلەر چوڭ كېسسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا ، بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، باشقا داۋالىنىش چىقىملىرى چوڭ كېسەل داۋالىنىش تۇلۇقلىما فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.
ئۈرۈمچىنى مىسالغا ئالساق ، سۇغۇرتىغا قانتناشقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى بىلەن بىرگە، ھەر بىر ئادەم ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتىغا 5 يۇەندىن پۇل تاپشۇرسا،بىر يىل ئىچىدىكى بالنىستا يېتىپ داۋالىنىش ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلىمىسىگە ئويغۇن كەلسە، ئىشچى –خىزمەتچىلەر چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۇلۇقلىما فوندىدىن چىقىم قىلىپ بەرسە بۇلۇدۇ، چىقىم قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى سومما 100مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ .
بۇھەم ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئىقدىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.
تەۋىسىيە : مۇمكىن بولسا كۆپچىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى بىلەن بىرگە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ داۋالىنىش تۇلۇقلىما سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، شۇنداق بولغاندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئاتچوت قىلىپ ئېشىپ قالغان قىسمىنى داۋالىنىش تۇلۇقلىما سۇغۇرتىسىدىن مۇۋا فىق نىسبەتتە ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ.
历史上的今天:
