-
ياشانغانلار سۇغۇرتىسى بىلىملىرى - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]
2009/06/14
1. بانكىنىڭ ياشانغانلار سۇغۇرتا فوندىسىنى قەرىز ئورنىدا تۇتۇپ قېلىشى توغىرىمۇ؟
جاۋاب : ئۇمۇمەن كارخانا ھىسابىغا كىرگەن پۇل كارخانىغا تەۋە، شۇڭا بانكا قەرىز ئورنىدا تۇتۇپ قالسا بۇلىدۇ دىيىش توغرا ئەمەس. چۈنكى كارخانا ياشانغانلار سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتە بىر تۇتاش غەملەش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، پېنسىيە خادىملىرىنىڭ ياشانغانلار سۇغۇرتا فوندىسىنى ئىجتىمائىيلاشقان تارقىتىش ئۇسۇلى بويىچە تارقىتىشى كېرەك . ئىجتىمائىيلاشقان تارقىتىش تارقىتىش شەرتىگە يەتمىسە، كارخانا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگىنىغا ۋەكالىتەن تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ پۇل كارخانلارنىڭ پۇلى بولماستىن ، بەلكى ئەمگەكچىلەرنىڭ پۇلى ؛ بۇ پۇل مەخسۇس ياشانغانلار سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئاجىرتىلغان ، ھەرقانداق بانكا قايتۇرۇلىدىغان قەرىز ئورنىدا تۇتۇپ قالماسلىقى كېرەك. دۆ لىتىمىز ئېلان قىلغان قانۇن، سىياسەتلەردە بۇتوغۇرلۇق ئېنىق بەلگىلىمە بار .
2 . كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياشانغانلار سۇغۇرتا راسخوتىنى تاپشۇرماسلىقنى، ياشانغانلار سۇغۇرتىسىغا قاتناشماسلىقنى ئوتتۇرغا قويسا بۇلامدۇ؟
جاۋاب : ئىجتىمائىي سۇغۇرتا راسخوتىنى جەمئىيەتتە بىر تۇتاش غەملەشكە قاتنىشىپ، بەلگىلىمە بويىچە ياشانغانلار سۇغۇرتا راسختىنى تاپشۇرۇش بارلىق كارخانىلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك ئورتاق مەجبۇرىيىتى، ئككىسىدىن بىرىسى كەم بولسا بولمايدۇ، بۇدۆلەت ئېنىق بەلگىلىگەن سىياسەت، شۇنداقلا ياشانغانلار سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەز مۇنلىرىنىڭ بىرى، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن لازىم بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولغىلى ، ياشانغانلار سۇغۇرتا ئاساسى فوندىسىنى ئالغىلى بۇلىدۇ . بۇ ھۇقۇق ۋە مەجبۇررىيەتنىڭ باراۋەرلىكى ، نۆۋەتتىكى مەجبۇرىيەتنى ئاداقىلماسلىق كەلگۈسىدىكى ھۇقۇقتىن ۋاز كەچكەنلىكتۇر .
3 . كارخانلارنىڭ راسخوت تۆلەشكە قۇدىرتى يەتمىسە ، دەم ئېلىش ، پېنسىيە راسخوتى ئالسا بۇلامدۇ؟
جاۋاب : ياشانغانلار سۇغۇرتا راسخوتىنى جەمئىيەتتە بىر تۇتاش غەملەش خىزمىتىدە كارخانلارنىڭ بىر تۈرلۈك مەجبۇيىتى بار . يەنى دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە راسخوتنى ۋاقتىدا، تۇلۇق تاپشۇرشى كېرەك . راسخوت تۆلەشكە قۇدىرتى يەتمىسە كېچىكىپ تاپشۇرۇشنى قىلىپ كىيىن تۇلۇقلاپ تاپشۇرسا بۇلىدۇ . سەۋەبسىز تاپشۇرمىسا ئاز دېگەندە جەرىمانە تۆلەش جازاسىغا ئۇچىرايدۇ . ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، بىرى زۈرۈر تەدبىر قوللىنىپ ياشانغانلار سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەتتە بىر تۇتاش غەملەش راسخوتىنى ۋاقتىدا، تۇلۇق يىغىۋېلىپ تۆلەم ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . تاپشۇرمىغان كارخانلارغا كونكىرىت ئەھۋاللارغا ئاساسەن زۈرۈر چارىنى قوللىنىشى كېرەك . تۇلۇق تاپشۇر ۋېلىنغان راسخوت چىقىمغا يەتمىسە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئورگىنىنىڭ تەڭشەپ بېىرىشىگە ئېلتىماس قلىسا بۇلىدۇ.
يەنە بىرى دەم ئېلىش، پېنسىيە راسخوتىنى ۋاقتىدا، تۇلۇق بېرىشى ، قىلچە بىخەستىلىك قىلماسلىقى كېرەك .
شەخسىي ھېسابات دىگەن نىمە ؟
جاۋاب : شەخسىي ھېسابات دېگنىمىز ، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئورگانلىرى ھەر بىر ياشانغانلار سۇغۇرتا ئاساسى فوندىسىغا قاتناشقان خادىملار ئۈچۈن ئورناتقان شەخسىي ھېسابات . شەخسىي ھېساباتقا كىرگۈزۈلىدىغان ياشانغانلار سۇغۇرتا رسخوتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ :
(1) ئىشچى – خىزمەتچىلەر شەخسىي تاپشۇرغان بارلىق ياشانغانلار سۇغۇرتا ئاساسىي راسخوتى ؛
(2)كارخانا تاپشۇرغان راسخوت ئىچىدىن شەخسىي تاپشۇرغان راسخوت ئاساسىي ساننىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە ئاجىرتىلغان ياشانغانلار سۇغۇرتا ئاساسىي راسخوتى ؛
(3) بەلگلىمە بويىچە كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك ئۆسۈم .

评论
دوستانە ئەسكەرتمە : سىز جاۋاپ قايتۇرغاندا [جاۋاب] نى بېسىپ ئاندىن جاۋاپ يازسىڭىز ، بلوگگىرلار بىۋاستە ئۆز بلوگىنىڭ ئارقا سەھنىسىدە تۇرۇپلا سىزنىڭ ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرغانلىقىڭىزنى بىلەلەيدۇ .
ھۆرمەت بىلەن :http://tugraq.blogbus.com
تۈۋەندىكى ئۇلنىشقا كىرسىڭىز ئۇسلۇپنىڭ يان قىسمىدىكى بلوگباس ئېلاننى قانداق يۇقىتىش تۇغۇرلۇق كۆرسەتمە بار .
http://www.blogbus.com/tanhaburkut-logs/37072319.html
ھۆرمەت بىلەن : http://tugraq.blogbus.com/