بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىلىشكە ئۇچۇرغاندا قانداق قىلىسىز - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2009/06/13

    ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىلىشكە ئۇچۇرغاندا قانداق قىلىسىز

     ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>> نىڭ 28- ماددىسىدا ، ھەرمىللەت ئەمگەكچىللىرى باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمان بۇلۇدۇ.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، خادىم قۇبۇل قىلغاندا ، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىللىرىگە چۇقۇم مۇۋافىق ئېتىبار قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. 

    «ئىشقا ئورۇنلانتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىنىڭ 62- ماددىسىدا، قانۇندىكى بۇبەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىتا كەمسىتىلىشكە ئۇچۇرسا ، ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ، ھەق-تەلەپ داۋا يولى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغدىسا بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . 

    مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىزنىڭ جىنىس ۋە مىللەت سەۋەبىدىن ،سىزنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ تۇرۋالسا، ئۆزىڭىزنىڭ ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەرىز قىلسىڭىز بۇلۇدۇ.

    تىرىشسىڭىز غەلبە قىلالىشىڭىز ناتايىن ، بىراق ۋاز كەچسىڭىز مەغلۇبىيىتىڭىز 100%، بۇ تىرشىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن شۇنداقلا سىز گە ئوخشاش كەمسىتىشكە ئۇچۇراۋاتقان كۆپچىلىك ئۈچۈن بىرئانچە مۇنچە ئۈمۈد بېغىشلىشى ، شۇنداق كەمسىتىپ ئۆگىنىپ قالغانلار ئۈچۈن بىر ساۋاق بۇلىشى مۇمكىن....................................................................  

     

     

     

    分享到:

    خەتكۈچ:

    评论

  • بالا يىغلىمىسا ،ئانا ئىمىزگە سالمايدۇ .
    ئاقسۇن - ئاقمىسۇن قانۇنلۇق ئەرز قىلىشقا مۇۋاپىق بولسىلا ئەرز قىلىش كىرەك . ئەرز قىلىدىغانلار قانچە -كۆپ بولسا ئۇنىمى ياخشى بولىشى مۇنكىن .
    سىزئۆزىڭىزنى ئويلاشمىسىڭىز ، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ نىمە بۇلىشىڭىز بىلەن نىمە كارى.
    ھەققىي غۇرۇرىڭىز بولسا <ئۇيغۇر ئالمايمىز>، < مىللىي ئالمايمىز> دىگەن گەپلەر سىزنى قىلچىمۇ كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئەمەسمۇ؟ خەق نىمىشقا شۇنداق دىيەلەيدۇ؟ گەپ ئۆزىمىزدە بىرى بىزنىڭ قانۇنىي ئاڭ سەۋيىمىز تۆۋەن، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىز قانچىلىك، بىزلەر تۇققىنىمىزغا ئۆتۇپ قالغان نەچچە يۈز يۇەننى، كىيىن بىرەي ھازىر باللىرىم ئاچ قالغان، قىيىنچىلىقىم ئېغىر دېسە ئۇنىماي ئەرىز قىلىمىز، بۇنى كەچۈر ۋېتەلمەيمىز، نىمىشقا چۈنكى ئەرىز قىلساق چۇقۇم قاقشىتىپ بولسىمۇ دىگەن مەقسەتكە يېتىمىز ، سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ غۇرۇرىمىز، ئورنىمىز، كەلگۈسىمىزگە تاقىلىدىغان نەرسىلەرگە قارتا ناھايىتى ئەپۇچان بۇلۇپ كىتىمىز، بىز نىمانداق مەرت ھە! . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، گەپنىڭ ئۇچىقىنى ئېيىتساق بىز باشقىلاردىن قورقىمىز ، شۇڭا ئاسانلا بولدى قىلىپ ،قايتىپ كىلىپ ئارقىدىن تازا بىر تىىلىۋېىلىپ ،كىملەرگىدۇ گۇناھنى ئارتىپ قۇيۇپ ئارام تاپىمىز، شۇڭا بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدە قانۇن سىياسەت ئىككى خىل ،يەنى بىزگە بىرخىل باشقىلارغا برخىل دەپ كىملەردىن ئاغىرنىپ يۈرگىنىمىز يۈرگەن ، ئەمەلىيەتتە سىياسەت بىرخىل لىكىن ئۇنى چۈشىنىش پايدىلىنىش ئىككى خىل خالاس. خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئېيىتقاندەك<< ئۇيغۇرلاربەش يۈزيىلىنىڭ بۇيانقى داپ بىلەن ئۇسۇل، خۇدابىلەن رۇسۇل ، ئورغاق بىلەن ھۇسۇل دەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلدى>> شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆگىنىشكە ۋاقتىمىز بار ، بۇزۇقچىلىق تەرغىپ قىلىنغان تۈگىمەس ھىكايىلەرنى ئۇقۇشقا ۋاقتىمىز بار ،بىراق سىز ياشاۋاتقان شۇدۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە ، ئەمەلىيەتتە سىناپ بېقىشقا ۋاقتىمىز يوق. ئۆز دوستلىرىمىزنىڭ ئازىراق خاتالىقى ئۈچۈن شۇنى ئۇرۇپ يېقىتىشقا ، يەربىلەن يەكسان قىلىشقا جۈرئىتىمىز بار ، ئەمما مىللەت تەقدىرى ئۈستىدە ئاقسۇن -ئاقمىسۇن بىر قېتىم ھۇقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بىر قەدەم مېڭىشقا ئىككى ئېغىز ھەق سۆزلەشكە جۈر ئىتىمىز يوق ، بىزدە بىر گەپ بار
    " ئۆزىىڭ يىمىسەڭ غېمىڭنى، قۇرۇت يەيديدۇ تېنىڭنى " سىز تىرىشمىسىڭىز سىز بىلەن كىمنىڭ كارى؟ چۈنكى بۇرىقابەت ھەممىسى سىزدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ، سىزدىن پايدىلنىشنى ،سىزنىڭ مەنپىئەتىڭىز ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئويلايدۇ دە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    بىزنىڭ تۈگشىشىمىزنىىڭ بىرىنجى قەدىمى بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنىڭ غۇرۇرى، جۈرئىتى ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى سۇسۇلىشىشتىن باشلانغان، لىكىن بىز بۇنى ئېتاراپ قىلماق ئۇياقتا تۇسۇن، ئەكسىچە قىزلىرىمىغا ۋە باشقىلار ئارتىپ قۇيۇپ شۇ غېرىپ كۆڭلىمىز نى تىنجىتىپ قۇلاقنى يۇپۇرۇپ يۈرىۋاتمىز، مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائى ئورنىىنى ، قەدىرى قىممىتى، نۇپۇزىنىڭ كۈنسىرى چۈشۈپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ ھالاكىتىمىزنىڭ باشلىنىشى خالاس، مۇشىنچىلىك سۆزلەي ......................................
1056551709QQ