-
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا دائىر بىلىملەر - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/12/15
داۋالىنىش مەزگىلدىكىى قانداق ئەھۋاللارنى بىنورمال، نامۇۋاپىق ئەھۋال دەيمىز؟
جاۋاب: ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:(1)زۆرۆرىيىتى بولمىغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش مەسىلەن: بەزى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى (2)ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە پىلانلىرى، قىممەت دورىلار (3) يىنىك كىسەلنى چوڭايتىپ داۋالاش، كېسىلى يوق ئادەمنىڭ دورا ئېلىشغا رۇخسەت قىلىش (4) باشقىلارنىڭ كىنىشكىسىغا داۋالىنىش، باشقىلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش قاتارلىقلار.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇسا قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
جاۋاب: ئۈزۈلدۈرمەي تۇللۇق 3 يىل تاپشۇرسا 4-يىلىدىن باشلاپ بالنىستا ياتقان داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر تۇتاش توپلاش فوندىسىدىن بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىندىغان نىسبىتىگە ٪1 قۇشۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر 3 يىل توشقاندا بىر تۇتاش توپلاش فوندىسىدىن بۆلەكلەر بويىچە چىقىم قىلىدىغان نىسبىتىگە يەنە ٪1 قۇشۇلىدۇ
شەھەر ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشتىكى دەسلەپكى تۆلەش ئۆلچىمى قانچىلىك؟
جاۋاب: دەسلەپكى تۆلەش ئۆلچىمى داۋالاش ئاپىراتلىرىنىڭ دەرىجىسى بويىچە ئايرىلىدۇ. كونكىرىتنى قىلىپ 3 دەرىجىگە يەنى 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا(ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك دوختۇرخانا، شىنجاڭ سىرتىدىكى 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانا) لارنىڭ دەسلەپكى تۆلەش ئۆلچىمى 500 يۇەن، ۋىلايەتلىك 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانا( 1-،2-خەلىق دوختۇرخانىلىرىنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ 300 يۇەن، ناھىيىلىك 2- دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ( ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى، كاڭنىڭ دوختۇرخانىسى) نىڭ 100 يۇەن، ناھىيە شەھەرلەردىكى 1- دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، يېزا -بازار دوختۇرخانىلىرى، مەھەللىلەردىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ 50يۇەن.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە قوساقتىكى ھامىلە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولامدۇ؟ قاتناشسا رەسمىيىتى قانداق بېجىرىلدۇ؟
جاۋاب: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە قوساقتىكى ھامىلە شەھەر ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئومۇمەن شەھەر- بازار ئىشچىى- خىزمەتچىلىرى، ئاھالىلەر ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان تۇغۇتتىكى ئاياللار ھامىلە بولۇپ 28ھەپتىگە توشقاندىن تارتىپ تۇغۇتقا بىر ئاي قالغۇچە، دىئاگونىز ئىسپاتى، ئەر-ئايالنىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىمىنى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ قورساقتىكى بالىغا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرسە بولىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە، سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 4 ئاي ئىچىدەبالىنىڭ نۇپۇسى ۋە رەسىمىنى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورگىنىدا سالاھىتىنى بېكىتىش رەسمىيىتىنى بېقىرىش كېرەك، ۋاقتىدا بىجىرمىسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ.
شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇش مەزگىلدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: شەھەر- بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھامىلدار ئاياللار قوساقتىكى بالىسىنىمۇ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان بولسا ئۇنىڭ تۇغۇش مەزگىلىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى 300 يۇەنلىك سوممىسى بېكىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە (كۆپ ھامىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.
