-
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭىچە داۋالىنىش ئىسلاھاتىدا 2011 – يىللىق ئاساسىي خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق تولۇقلىمىسىنى 200 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقى؛ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شۇ جايدىكى داۋالىنىش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ، داۋالىنىش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.