-
شەھەر-بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى رەسمىيىتنى قانداق بىجىرىدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2010/12/10
شەھەر-بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى رەسمىيىتنى قانداق بىجىرىدۇ؟
جاۋاپ:ئومۇمەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئويغۇن كەلگەن ھەمدە ئۆز ئىختىيارى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئاھالىلەر تۆۋەندە ئېيتىلغان ماتىرىياللارنى تەييارلاپ، نۇپۇس تەۋەلىكى بويىچە تۇرۇشلۇق مەھەللە ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرىنى بىجىرىش ئورنىغا (مەكتەپ، يەسلى)، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بىجىرىش ئورگانلىرىغا بېرىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرسە بولىدۇ.
(1) نۇپۇس دەپتىرى، كىملىك ۋە بۇلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە، يېقىندا تارتىلغان بىرسۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمدىن ئىككى پارچە.
(2)شەھەر-بازار ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار، مېيىپلار« شەھەر- بازار ئاھالىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولۇش كىنىشكىسى»، «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى مىيىپلىق كىنىشكىسى» نى بىرگە ئەكىلىشى لازىم.
(3)دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى «ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» ۋە ياكى جامائەت خەۋەپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى، ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئىسپاتىنى تەمىنلىشى لازىم.
历史上的今天:
