-
يېزا كادىرلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش كېرەك؟ - [يېزا ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتى]
2010/12/10
يېزا كادىرلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش كېرەك؟
جاۋاب: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقنى يولغا قويىۋاتقان ناھىيە شەھەرلەر يېزا كادىرلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ئىلگىرى يېزا كادىرلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەمدە يېشى 60 ياشقا تۇشۇپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىۋاتقانلارغا قارىتا ئەسلىدىكى تەمىناتى ئاساسىدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتىدا بېكىتىلگەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىمۇ قۇشۇپ تارقىتىلدۇ، ئىلگىرى يېزا كادىرلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، يېشى 60 ياشقا تۇشمىغان،تېخىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالمىغانلارغا قارىتا، ئەسلىدىكى شەخسى سىچوتىنى ئامانىتى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسى سىچوتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدۇ ،يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈشسۇغۇرتىسى پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە داۋاملىق تاپشۇرىدۇ.ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنىت كادىرلىغا قارىتا، سۇغۇرتا قاتنىشىش قۇشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.كونكىرىت ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ناھىيە شەھەرلەر ئۆزى بېكىتىدۇ،كىتىدىغان مەبلەغنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇ ئارقىلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنىت كادىرلىرىنىڭ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىندۇ.
历史上的今天:
