بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]

    2011/03/07

     گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭىچە داۋالىنىش ئىسلاھاتىدا 2011 – يىللىق ئاساسىي خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق تولۇقلىمىسىنى 200 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقى؛ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شۇ جايدىكى داۋالىنىش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ، داۋالىنىش ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىنىش ئەھۋالىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلار 440 مىليونغا يەتكۈزۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش نىسبىتى %90 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. تاقالغان، ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك شەھەر – بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئامبۇلاتورىيەلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىدىكى دورا ھەققى ۋە ئامبۇلاتورىيەلەردە ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى داۋالىنىش ھەققى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتى دائىرىسىدىكى كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەش نىسبىتى %70 كە يەتكۈزۈلىدۇ. ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى›› دىن تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




1056551709QQ