بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار نېمىگە تايىنىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]

    2011/03/04

    ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار نېمىگە تايىنىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ  

     

    ھازىرغىچە جەمئىيىتىمىزدە مۇنداق بىر ئۆلۈك مەنتەقە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا:<<داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە؛ بېيجىڭ شەھىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلاردا خىزمەت پۇرسىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېيجىڭدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ناھايىتى قېيىن>>.
    ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن تالايلىغان<ئەركتاي>لار ھەربىي قىسىمغا قېتىلىۋاتىدۇ. لېكىن، مۇشۇنداق ئورۇنلاردىكى كۆپچىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار. ئەمما يەنە بەزى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا، بىرەر خىزمەت ئىزدەشنى ئېغىر كۆرۈپ، بىكار يۈرۈۋاتىدۇ. سىز مەيلى قايسى مەكتەپنىڭ قايسى كەسپىنى پۈتتۈرۈڭ، ئۇ سىزنىڭ كېيىنكى خىزمەت ئورنىڭىزنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. سىزنىڭ ساقچى مەكتەپنى پۈتتۈرۈشىڭىز، مەكتەپ قوينىدىن ئايرىلىلا ساقچى بولۇشىڭىز دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈشىڭىز، سىزنىڭ داڭلىق يازغۇچى ياكى تەرجىمان بولۇپ كېتىشىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىر ھەر يىلى مەمۇرلىق ۋە خادىم تولۇقلاش دېگەندەك ئىمتىھانلار يىلدا ئېلىنىپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇشۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت. ئەگەر ئىمتىھان بەرمەيمەن، دېسە، بىرەر شىركەتكە بېرىپ خىزمەت ئىزدەپ باقسا، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇپ باقسا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە، تاشقى مۇھىتقا جاسارەت ۋە ئۈمىد بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا.
    ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىختىساسلىقلار بازىرىدىكى غوللۇق كۈچلەر بولۇپ قالدى. دېمەك، بۇ بازاردىكى ھەر بىر شەخس جەمئىيەتنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. ئۇنداقتا بىز ئاشۇ ئىختىساسلىقلار بازىرىدىكى بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى بولۇپ قالساق، نېمىمىزگە تايىنىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالايمىز؟ ھەمدە بىزنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۆز كۆڭلىمىزدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا چىقالايمىز؟ ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، ھەممە ئادەم مەلۇم ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھەممىمىزنىڭ مەلۇم ساھەدە باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەرەپلىرىمىز بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزى پۈتتۈرگەن داڭلىق ئالىي مەكتەپ، يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتى، كەسىپ قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بۇ بازاردا ئەۋزەللىككە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئامىللاردا ئىگە بولغان ئوقۇغۇچى پەقەت ئىختىساسلىقلار بازىرىدىلا لەيلەپ قالسا، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى ناھايىتى ئاددىي بولغان خىزمەت ئورنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقوغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى ئاسانلا شەكىللىنىپ قالىدۇ. خىزمەت ئىزدەش بولسا بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولغا ئوخشايدۇ. ئۇ سىزنىڭ كەسپىي ساپايىڭىزنى ئاساس قىلىلپلا قالماستىن، يەنە بەلىكى، سىزنىڭ ئەخلاق ساپايىڭىزنى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ساپايىڭىزنى ۋە نورمال پىسخىكا ساپارىڭىزنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلپ ئېيتقاندا، يېڭى خىزمەت سىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭىز سىزنىڭ مەلۇم ئىشقا ئورۇنلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئەمما سىزنىڭ يەنە باشقا جەھەتتىىكى ساپايىڭىزنىڭ سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى شىركەت ياركى كارخانىغا كەلگۈسىدە قانچىلىك پايدا ۋە نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلدۈرىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ كەسپىي ساپا باشقا ھازىرلىغان باشقا ساپالىرىڭىز سىزنىڭ ئىخستىاسلىقىلار بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. سىز مانا مۇشۇنداق ئۇنىۋېرسال ساپاغا تايىنىپلا باشقىلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالايسىز. شۇندقا دېيىشكە بولىدۇكى، كەسپىي باشقا ھازىرلىغان قوللىنىشچان ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان باارلىق ساپالىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كوزورىڭىز ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەت ھازىر دەل مۇشۇنداق كوزور ئىگىلىرىگە ئېھتياجلىق بولۇۋاتىدۇ، شىركەتلەر مۇشۇنداق كىشىلەرنى تۆت تامدىن ئىزدەۋاتىدۇ. چۈنكى بۇنداق كشىلەر ئىشلارنى ناھايىتى ئەستائىدىللىق بىلەن قىلىدۇ ۋە ئۆز ئېشىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئالالمايدۇ.
    شۇڭلاشقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەيلى ئۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسۇن ياكى ئادەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، ئۇلار جەزمەن ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى ئىگىلىشى، ئۆزىگە كېرەكلىك، جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق كوزىرلارنى ھازىرلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ قىزىل تاشلىق دىپلومىنىلا كۆتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار بازىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرسە، ئۇنىڭغا قارايدىغانلار ئاددىي خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، خاراكتېر، پسىخىكا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاتالمىش مەنتىقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر كۆپۈكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

    مەنبە: شىنجاڭ كۇئىنلۇن تورى


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ