بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر ، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، - [ئۇچۇرلار]

    2011/03/02

    نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر ، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ،

     تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك

     گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

    ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش نىشانى قىلىش كېرەك

     

    يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

        ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 28 - فېۋرال يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2010 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىگە، 2011 - يىللىق شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ‹‹12 - بەش يىل›› تەرەققىيات نىشانى شۇنداقلا 2011 - يىللىق دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا قاراپ چىقتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم جايلار، تارماقلاردىن ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يىللىق تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› ئېلىپ كەلگەن نەپتىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 

        2010 - يىلى ئاپتونوم رايون تۈرلۈك يول ئارقىلىق 516 مىڭ 800 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق 350 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى % 147.7 ئورۇندىدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 313 مىڭ كىشى(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئاساسەن تۈگىتىلدى؛ 1 مىليون 264 مىڭ كىشى(قېتىم) تەربىيەلەندى.

        نۇر بەكرى ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. شەھەر، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى قاپلىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ تىرىشىش كېرەك. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى تېز راۋاجلىنىشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار نىشاننى بۇ يىلقى ئاپتونوم رايون مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نازارەتچىلىك، ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىنىڭ قەرەلىدە ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        نۇر بەكرى مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قاتار مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى، تەشۋىقات سالمىقىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

     

    مەنبە: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەت تورى


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
1056551709QQ