-
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خادىملار ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقانداق دوختۇرخانىدا داۋالانسا بولىدۇ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2011/02/22
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملار، ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر ) دىن ۋىلايەت دائىرسىدىكى باشقا جايدا داۋالانماقچى بولسا، پەقەت داۋالىنىش كېنىشكىسىنى ئېلىپ بىكىتىلگەن داۋالاش ئاپاراتى، بىكىتىلگەن دورا خانىلاردا بىۋاستە ھىسابات قىلسا بولىدۇ، بۇ سىياسەت 2010- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 2000- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، 10 يىللىق جەرياندا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار دەسلەپكى نەچچە 10 مىڭدىن كۆپىيىپ 170 مىڭغا يەتتى، يىغىلغان فوندى نەچچە مىليوندىن 330 مىليونغا يەتتى. ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، رايۇن ئاتلاپ يۆتكىلىدىغان خادىملار كۈنسىرى كۆپىيىپ، باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسى كۈنسىرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى ، ئىلگىرى يۆتكىلىپ داۋالانغانلار ئاۋال ئۆزى چىقىم قىلىپ كىيىن ئاتچوت قىلىنىدىغان شەكىل قوللىنىلغان ئىدى . ئۇزۇنغا سۇزۇلغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئات چوت قىلىش مەسىلىسى ئاخرى ھەل قىلىندى. شۇڭىندىن ئېتىبارەن شەھەر- باار ئاھاللىرى ئىشچى- خىزمەتچىلىرنىڭ ۋىلايەت دائىرسىدە ئۆز ناھىيىسىدىن باشقا ناھىيىلەردە داۋالانسا، ئاۋال ئۆزى نەق پۇل تۆلەپ ئاندىن كىلىپ ئات چوت قىلىدىغان تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.
نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپاراتىدىن130، بېكىتىلگەن پارچە دورا سېتىش ئوردىن 170 بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايەت دەرىجىلىك داۋالاش ئاپاراتلىرىدىن 8، بېكىتىلگەن پارچە دورا سېتىش ئوردىن49 بار.
ۋىلايەت دائىرسىدىن باشقا جايدا داۋالانماقچى بولغانلار يەنىلا دوختۇرخانا يۆتكەش رەسمىيىتنى بېجىرىپ، ئاۋال ئۆزلىرى نەق پۇل تۆلەپ داۋالىنىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپاراتلىرىغا بېرىپ ئات چوت قىلىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
